باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋۇ جىن ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلدى

2019.02.03 10:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋۇ جىننىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە، ۋۇ جىن پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرى تۇرۇپ، غايە-ئېتىقادىنى ۋە پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىنى قوقىتىپ، پارتىيەنىڭ مەقسىتىگە خىلاپلىق قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دورا بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىغا ئىككى يۈزلىمىلىك قىلىپ، دېگىنى بىلەن قىلغىنى ئوخشىماي، دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى خىزمەت تەقسىماتى بويىچە باشقۇرغاندا مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالماي، قىلىدىغاننى قىلمىغان؛ خەلق ئاممىسىغا قىلچە ھېسسىياتى بولماي، دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، دۆلەتنىڭ دورىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرغان؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خۇسۇسىي ئارامخانىلارغا كىرىپ-چىقىپ، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەت ۋە ساياھەت پائالىيەتلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى قوبۇل قىلغان؛ تەشكىل يازما ھۆججەت ئارقىلىق سۈرۈشتۈرگەندە، مەسىلىنى ئەينەن چۈشەندۈرمەي، ھەمدە تەكشۈرۈشنى ساختا ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپ، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۈچۈن كادىرلارنى قوبۇل قىلىش جەھەتلەردە ياردەم بەرگەن؛ سوۋغاتلار ۋە سوۋغات پۇللىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ تىجارەت پائالىيەتلىرى ئۈچۈن مەنپەئەت كۆزلىگەن؛ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى شەخسىي مەنپەئەتىنى كۆزلەيدىغان قورالغا ئايلاندۇرىۋېلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ نازارەت قىلىش ئوبيېكتىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ھوقۇق-پۇل سودىسى قىلىپ، ئاسايىشلىق تۇرمۇشقا بېرىلىپ، چىرىكلىشىپ ۋە چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن.

  ۋۇ جىننىڭ قىلمىشى بولسا، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى، خىزمەت ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامى، شۇنىڭدەك مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى دېگەنلەرگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىق، ھەمدە خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىك ۋە پار ئېلىش جىنايىتىنى سادىر قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ ھوشىنى تاپماي، جىنايەت ئۆتكۈزۈشتىن قولىنى تارتمىغان، ئۇنىڭغا ئاممىنىڭ ئىنكاسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئىنتايىن يامان تەسىر پەيدا قىلغان. دېمەك، ئۇنىڭ جىنايىتىنىڭ خاراكتېرى ئىنتايىن يامان بولغاچقا، ئۇنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي تەپتىش قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، ھەمدە مەركىزىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ۋۇ جىنغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى؛ ئۇنىڭ بەھرىمەن بولىدىغان تەمىناتى بەلگىلىمە بويىچە بىكار قىلىنىدۇ؛ ئۇنىڭ ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يىغىۋېلىنىدۇ؛ ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسى ئەدلىيە تەپتىش ئورگىنىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىنىپ، ئۇنىڭ دېلوغا چېتىشلىق پۇل-ماللىرى دېلوغا قوشۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر