باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يەر ئاستى سەرراپخانىلىرىغا چېتىشلىق جىنايەتلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاشنىڭ ئەدلىيەلىك ئىزاھاتىنى ئېلان قىلدى

2019.02.01 14:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 31-يانۋار بىرلىكتە مەبلەغ چىقىمىنى قانۇنسىز راسچوت قىلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش، قانۇنسىز تاشقى پېرىۋوت ئېلىپ-سېتىش جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىشتە تەتبىقلىنىدىغان قانۇنغا ئائىت بىر قانچە مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتنى ئېلان قىلدى، بۇ مەبلەغ چىقىمىنى قانۇنسىز راسچوت قىلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش، قانۇنسىز تاشقى پېرىۋوت ئېلىپ-سېتىش جىنايى پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ تەرتىپىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان.

  بۇ قېتىم ئېلان قىلغان ئەدلىيەلىك ئىزاھاتتا مەبلەغ چىقىمىنى قانۇنسىز راسچوت قىلىش كەسپى، قانۇنسىز تاشقى پېرىۋوت ئېلىپ-سېتىشنى بېكىتىش ئۆلچىمى ۋە «ئەھۋالى ئېغىر»، «ئەھۋالى ئالاھىدە ئېغىر» بولۇشنى بېكىتىش ئۆلچىمى؛ قانۇنسىز تىجارەت جىنايىتى، پۇل يۇيۇش جىنايىتى، تېررورلۇققا ياردەم بېرىش جىنايىتىنى بىرلىشىپ جازالاش پىرىنسىپى؛ قانۇنسىز تىجارەت سوممىسى، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت سوممىسىنى بېكىتىش ئۆلچىمى، جازالاش پىرىنسىپى ۋە جەرىمانىگە ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمى؛ ئورۇنلار جىنايىتىنى بېكىتىپ جازا ئۆلچەش ئۆلچىمى؛ كەڭچىلىك بىلەن جازا بېكىتىش شەرتى ۋە ئۆلچىمى قاتارلىقلار ئېنىق بېكىتىلدى.

  بۇنىڭ ئىچىدە، ئەدلىيەلىك ئىزاھاتتا بېكىتىلگەن «مەبلەغ چىقىمىنى قانۇنسىز راسچوت قىلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش»قا تەۋە ئۈچ خىل ئەھۋال تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: چىقىم راسچوتىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش ئەھۋالى، يەنى قوبۇل قىلىش تېرمىنالى ياكى توردا چىقىم قىلىش ئۇلاش ئېغىزى قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، ساختا سودىلىشىش، ساختا باھا قويۇش، سودا پۇلىنى قايتۇرۇش قاتارلىق قانۇنسىز يوللار بىلەن بەلگىلەنگەن پۇل تاپشۇرغۇچى تەرەپكە پۇل بېرىش؛ ئومۇمنىڭ مۈلكىنى شەخسنىڭكىگە ئايلاندۇرۇۋېلىش، نەق پۇل ئېلىۋېلىش ئەھۋالى، يەنى قانۇنسىز ھالدا باشقىلارنى ئورۇنلارنىڭ بانكا راسچوت ھېسابى ئارقىلىق نەق پۇل ئېلىپ بېرىش ياكى ئورۇنلارنىڭ بانكا راسچوت ھېسابىتىدىن شەخسىي ئىسچوتقا يۆتكەپ بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش؛ پۇل چېكى ئارقىلىق نەق پۇل ئېلىپ بېرىش ئەھۋالى، يەنى قانۇنسىز ھالدا باشقىلارنى پۇل چېكى ئارقىلىق نەق پۇل ئېلىپ بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ۋەھاكازالار.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر