باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«2019 ئاسماندا تور» ھەرىكىتى رەسمىي باشلاندى

2019.01.29 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:1- ئاينىڭ 28- كۈنى، مەركەزنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ خەلقئارا قاچقۇن جىنايەتچىلەرنى قوغلاپ تۇتۇش ۋە قانۇنسىز ماللارنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتى ئىشخانىسى يىغىن ئېچىپ، 19ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، ھەمدە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى خەلقئارا قاچقۇن جىنايەتچىلەرنى قوغلاپ تۇتۇش ۋە قانۇنسىز ماللارنى قايتۇرۇۋېلىشنىڭ 2019- يىللىق خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن،«2019 ئاسماندا تور» ھەرىكىتى رەسمىي باشلىتىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەركەزنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى، جايلار ۋە تارماقلارنىڭ ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىپ ۋە بىرلىشىپ جەڭ قىلىشى، ھەمدە يەردە قاپقان ھەرىكىتىنىڭ بارغانسېرى قويۇقلاشتۇرۇلۇشى نەتىجىسىدە، قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتى ئارقىلىق قولغا چۈشۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى ۋە قايتۇرۇۋېلىنغان قانۇنسىز ماللارنىڭ سوممىسى قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى رىكورت يارىتىلدى، بۇنىڭ بىلەن، رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى ئۈزلۈكسىز ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇلدى.

  يىغىندا، «2019 ئاسماندا تور» ھەرىكىتىنى باشلاش ئارقىلىق، چوقۇم نۇقتىلىق دۆلەت ۋە نۇقتىلىق دېلولارغا قادىلىپ تۇرۇپ كۆزدىن قاچۇرماي، ئىشلارنى بېجىرىشكە ۋىۋىسكا ئېسىپ تۇرۇپ ھەيدەكچىلىك قىلىشتىكى سالماقنى ئاشۇرۇپ، چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن ۋە قېچىپ كېتىدىغانلارنىڭ سانىنى كۈچنىڭ بارىچە ئازايتىپ، چەت ئەلگە قېچىپ كېتىشنىڭ ئېشىش مىقدارىنى ئۈنۈملۈك توسۇش قارار قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى باش بولۇپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت بىلەن خەلقئارادا قېچىپ يۈرگەنلەرنى تۇتۇش ۋە قانۇنسىز ماللارنى قايتۇرۇۋېلىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش؛ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشچىلىقىدا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتلەرنى مۇسادىرە قىلىش تەرتىپىنى تەتبىقلاش ئارقىلىق قانۇنسىز ماللارنى قايتۇرغۇزۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش؛ ج خ مىنىستىرلىقى باشلامچىلىق قىلىپ، «تۈلكە ئوۋلاش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش؛ خەلق بانكىسى يەنە جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە، چەت ئەللىكلەرنىڭ ئۆز شىركەتلىرىدىن ۋە يەر ئاستى سەرراپخانىلاردىن پايدىلىنىپ چېگرا سىرتىغا قانۇنسىز پۇللارنى يۆتكەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇش؛ مەركىزىي كومىتېتنىڭ تەشكىلات بۆلۈمى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە، شەخسى ئىش بىلەن چەت ئەلگە (چېگرا سىرتىغا) چىقىش كىنىشكىلىرىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا بېجىرىش ۋە ئۇنى ئىلكىدە تۇتۇشتەك مەسىلىلەرنى تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش دېگەندەك بىر قاتار خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىشى قارار قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر