باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چېن فېي شەندۇڭ ئۆلكىسى يەنتەي شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى بولۇپ تەيىنلەندى

2019.01.22 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شەندۇڭ ئۆلكىسى «يەنتەي گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن يەنتەي شەھىرىنىڭ 17-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنىدا، چېن فېي يەنتەي شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقىلىق ۋەزىپىسىگە تولۇقلاپ سايلانغان.

  چېن فېينىڭ تەرجىمىھالى

  چېن فېي، ئەر، خەنزۇ مىللىتىدىن، 1975-يىلى 1-ئايدا تۇغۇلغان، شەندۇڭ ئۆلكىسى ۋېيفاڭ شەھىرىدىن، ئاسپرانت، قانۇنشۇناسلىق دوكتورى، 1997-يىلى 7-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1996–يىلى 1-ئايدا پارتىيەگە كىرگەن، ھازىر يەنتەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى، ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى.

  2000-يىلى 12-ئايدىن 2001-يىلى 10-ئايغىچە، چىڭداۋ شەھەرلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

  2001-يىلى 10-ئايدىن 2011-يىلى 12-ئايغىچە، چىڭداۋ شەھەرلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەرلىك پىئونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2001-يىلى 12–ئايدىن 2003-يىلى 3-ئايغىچە، چىڭداۋ شەھەرلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەرلىك پىئونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، شەھەرلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

  2003-يىلى 3-ئايدىن 2006-يىلى 8-ئايغىچە، چىڭداۋ شەھەرلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەرلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

  2006-يىلى 8-ئايدىن 2007-يىلى 12-ئايغىچە، چىڭداۋ شەھەرلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەرلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان.

  2007-يىلى 12-ئايدىن 2012-يىلى 2-ئايغىچە، چىڭداۋ شەھەرلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان (2004-يىلى 9-ئايدىن 2009-يىلى 7-ئايغىچە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ماركسىزم ئىنستىتۇتى ماركسىزم نەزەرىيە كەسپىدە ئوقۇغان، قانۇنشۇناسلىق دوكتورى ئۇنۋانى ئالغان) .

  2012-يىلى 2-ئايدىن 2012-يىلى 5-ئايغىچە، چىڭداۋ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، چىڭداۋ شەھىرى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2012-يىلى 5-ئايدىن 2012-يىلى 8-ئايغىچە، چىڭداۋ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، شەھەرلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، چىڭداۋ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، چىڭداۋ قىزىل ئارىلى ئىقتىسادىي رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2012-يىلى 8-ئايدىن 2013-يىلى 2-ئايغىچە چىڭداۋ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، چىڭداۋ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، چىڭداۋ قىزىل ئارىلى ئىقتىسادىي رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2013-يىلى 2-ئايدىن 2015-يىلى 4-ئايغىچە، چىڭداۋ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، چىڭداۋ قىزىل ئارىلى ئىقتىسادىي رايونى (چىڭداۋ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى) باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتىيە خىزمەت كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2015-يىلى 4-ئايدىن 2015-يىلى 8-ئايغىچە، دېجوۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى بولغان.

  2015-يىلى 8-ئايدىن 2018-يىلى 12-ئايغىچە، دېجوۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان.

  2018-يىلى 12-ئايدىن 2019-يىلى 1-ئايغىچە، يەنتەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى نامزاتى بولغان.

  2019-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ، يەنتەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى، شەھەر باشلىقى، ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان،

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر