باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى قەبىھ يارىلاندۇرۇش ۋەقەسىنىڭ داۋامى: جيا فامىلىلىك جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىندى

2019.01.22 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە، بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونى شۈەنۋۇ پىداگوگىكا مەكتىپى قارىمىقىدىكى 1-باشلانغۇچ مەكتەپ يوۋئەن رايونى ئىچىدە، جا فامىلىلىك جىنايەت گۇماندارى (ئەر، 49 ياش)نىڭ ئوقۇغۇچىلارنى قەبىھ يارىلاندۇرۇش ۋەقەسى يۈز بەردى. بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى شىچېڭ رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق، دەپ جيا فامىلىلىكنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.

  1-ئاينىڭ 21-كۈنى، بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ چىقىش ئارقىلىق، جيا فامىلىلىكنى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ، قولغا ئېلىشنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى. بېيجىڭ شەھەرلىك تەپتىش ئورگانلىرى قانۇن بويىچە دېلو بېجىرىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قوغدايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر