باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان گۈزەل يېزا-كەنتنى ياخشى قۇرايلى

يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەشتە تىپىك ئۈلگە كۆرسىتىشتىن ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشقا ئۆزگەرتىلىدۇ

2019.01.22 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-يانۋار، مۇخبىرنىڭ «يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش سىن يىغىنى»دىن ئىگىلىشىچە: بۇ يىل چاغان مەزگىلىدە، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ ۋە تەشكىللەپ، مەملىكىتىمىز يېزىلىرىدا «ھەر بىر كەنت ئاھالىلىرى تازىلىقنى ياخشى قىلىپ، چاغاننى پاكىز كۈتۈۋېلىش» ئاساسىي تېمىسىدا كەنتلەردە تازىلىق ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، بۇ يىلقى يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش تۇنجى جېڭىنى ياخشى قىلىپ، تېزدىن يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى ئوبدان قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

  چاغان دۆلىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى، سىرتقا چىققان ئىشلەمچى دېھقانلارنىڭ كۆپىنچىسى يۇرتىغا قايتىدۇ، ئەمگەك كۈچلىرىنى تەشكىللەپ، تۈرلۈك تۈزەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاز كۈچ بىلەن كۆپ ئۈنۈم ياراتقىلى بولىدۇ.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: يېزا مۇھىتىدىكى مەينەتچىلىك، قالايمىقانچىلىق، ناچار بولۇش مەسىلىسىنى مەركەزلىك تۈزەپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەشنى تىپىك ئۈلگە كۆرسىتىشتىن ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشقا ئۆزگەرتىپ، كەنت قىياپىتىنى تېز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، ياشاشقا باب گۈزەل يېزىنى ياخشى قۇرۇش لازىم.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كەنت مۇھىتىنىڭ «مەينەت، قالايمىقان، ناچار» بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، كەنت ئىچىدىكى ئەخلەتنى قالايمىقان دۆۋىلەپ قويۇش، قالايمىقان يۇندا تۆكۈش ھادىسىلىرىنى كۆرۈنەرلىك ئازايتىش؛ ھەممىلا يەردە گەندە بۇلۇشنى تۈگىتىش، ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنى رەتلىك قويۇش، ئۆينىڭ ئالدى-كەينى پاكىز، رەتلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تازىلىق مەدەنىيلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. جايلار ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەزمۇنى تېخىمۇ مول، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكككە ئىگە بولغان تۈزەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، كەنتلەرنى تازىلاش خىزمىتىنى دائىملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شارائىتى يار بېرىدىغان جايلار خىزمەتنى بىر قەدەر ياخشى ئىلگىرى سۈرگەن، ئورۇنداش سۈپىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان كەنتلەرنى مۇۋاپىق مۇكاپاتلىشى لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر