باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى لايىھە بېسىپ تارقىتىپ، «بۇلغىمىسىز شەھەر» قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇردى

قاتتىق تاشلاندۇقنى مەنبەدىن كېمەيتىش ۋە بايلىقلاشتۇرۇپ پايدىلىنىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2019.01.22 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «<بۇلغىمىسىز شەھەر> قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمەت لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ).

  «لايىھە»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «بۇلغىمىسىز شەھەر» يېڭىلىق يارىتىش، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ئورتاق بەھرىلىنىش يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېشىل تەرەققىيات ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى شەكىللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق، قاتتىق تاشلاندۇقنى مەنبەدىن كېمەيتىش ۋە بايلىقلاشتۇرۇپ پايدىلىنىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆمۈش مىقدارىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىت تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن شەھەر تەرەققىيات ئەندىزىسىگە چۈشۈرۈشتىن ئىبارەت، يەنى بىر قەدەر ئىلغار شەھەر باشقۇرۇش ئىدىيەسىدۇر. «بۇلغىمىسىز شەھەر» قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت ھەرىكىتى، شەھەر ئومۇمىي قاتلىمىدىن قاتتىق تاشلاندۇقلارنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە «بۇلغىمىسىز جەمئىيەت» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ كۈچلۈك تۇتقۇسى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى ئۆستۈرۈش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ چىقىشتىكى مۇھىم تەدبىر.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى ۋە مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ مىقدارلىق سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلىرى، ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك تاشلاندۇقلىرى، تۇرمۇش ئەخلەتلىرى ۋە قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرى، خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مەنبەدىن زور دەرىجىدە كېمەيتىش، بايلىقلاشتۇرۇشتىن تولۇق پايدىلىنىش ۋە بىخەتەر بىر تەرەپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە شارائىتى يار بېرىدىغان، ئاساسى بار، مۇۋاپىق كۆلەمدىكى شەھەردىن 10غا يېقىننى تاللاپ، شەھەر دائىرىسىدە «بۇلغىمىسىز شەھەر» قۇرۇلۇشى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدۇ. 2020-يىلىغا بارغاندا، «بۇلغىمىسىز شەھەر» قۇرۇلۇشىنىڭ كۆرسەتكۈچ سىستېمىسى سىستېمىلىق بەرپا قىلىنىپ، «بۇلغىمىسىز شەھەر» قۇرۇلۇشىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە تېخنىكا سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بىر تۈركۈم كۆچۈرگىلى، كېڭەيتكىلى بولىدىغان «بۇلغىمىسىز شەھەر» قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈلگە ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر