- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئەمىن جۇڭگو قۇرۇپ چىقايلى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز سىياسىي- قانۇن خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (2)
2019.01.18 16:23 مەنبە: خەلق تورى
ئەمىنلىك خەلقنىڭ بەختلىك، ئامان، سالامەت بولۇشىدىكى ئاساسىي تەلەپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي ئالدىنقى شەرتى.
مەركەز سىياسىي-قانۇن خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشى، جەمئىيەتنىڭ تىنچ تەرتىپى، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۆزلەپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئەمىن جۇڭگو قۇرۇپ چىقىشنىڭ تىرىشىش يۆنىلىشى ۋە مۇھىم يولىنى كۆرسىتىپ بەردى.
«ھاكىمىيەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم ئىش ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇشتۇر». پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئەمىن جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، خەلقنىڭ كۆڭلى تېخىمۇ توق، سەپەرگە چىقىشى تېخىمۇ قولايلىق، تۇرمۇشى تېخىمۇ خاتىرجەم بولۇپ، «ئەمىن جۇڭگو» يارقىن دۆلەت نام كارتىسىغا ئايلىنىپ، جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ بىخەتەر دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەمىن جۇڭگو قۇرۇلۇشى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى خىرىسقا دۇچ كەلدى. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىگە نەزەر سالساق، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىسادىي تەرەققىيات قەدىمىگە يېتىشەلمىسە، ھەر خىل ئىجتىمائىي زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر ئۈنۈملۈك ھەل بولماي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات توسالغۇغا ئۇچراپلا قالماستىن، يەنە پۈتۈن جەمئىيەتتىمۇ داۋالغۇش بولىدۇ. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئەمىن جۇڭگو قۇرۇپ چىققاندىلا، ئاندىن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىگە ماسلىشىپ، خەلقنىڭ يېڭى ئارزۇسىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ.تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئەمىن جۇڭگو قۇرۇپ چىقىشتا ئاممىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشتىكى تۈگىمەس بۇلاققا ئايلاندۇرۇش كېرەك. خەلق ئەڭ ئەقىللىق، ئەڭ پاراسەتلىك، ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچىدۇر. ئاممىۋى لۇشيەن پارتىيەمىزنىڭ جان تومۇرى ۋە تۈپ خىزمەت لۇشيەنى، دەۋرنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر ئاممىۋى لۇشيەندىن ئىبارەت پارتىيەنىڭ ئەڭگۈشتەرىنى يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشىيەنىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا خەلقنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى بىلەن يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئۇسۇللارنى بىرلەشتۈرۈشكە ماھىر بولۇپ، ئاممىنى تەشكىللەش، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىش مېخانىزمى، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەيدىغان، خەلق ئۈچۈن ئىش قىلىدىغان، خەلقنىڭ دەردىگە يېتىدىغان مېخانىزملاردا يېڭىلىق يارىتىپ، ئاممىنى جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئەڭ چوڭ مەنپەئەتلەنگۈچىسى، ئەڭ كەڭ قاتناشقۇچىسى، ئاخىرقى باھالىغۇچىسىغا ئايلاندۇرغاندىلا، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنى تۈگىمەس ئەقىل-پاراسەت ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەدىتى بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر