باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خۇالىن شىركىتى شاخلىتىپ سېتىش قىلمىشىغا چېتىشلىق بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى ساقچىلار تەرىپىدىن كونترول قىلىندى

2019.01.16 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خېبېي ئۆلكىسىنىڭ خۇاڭخۇا شەھىرى شەھەرلىك پارتكوم ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خۇاڭخۇا شەھىرى بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى خۇالىن شىركىتىگە تەكشۈرۈشكە كىرگەندىن بۇيان، خىزمەتلەرنى جىددىي ئىشلەش ئارقىلىق، دەسلەپكى قەدەمدە بەزى مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ چىققان. نەتىجىدە، بۇ شىركەتنىڭ رەھبەرلەرنى تەشكىللەپ شاخلىتىپ سېتىش قىلمىشىنى سادىر قىلىشقا چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە، مەزكۇر شىركەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى ۋە ئالاقىدار خادىملار ساقچىلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنماقتا ئىكەن. بۇ دېلو تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن قانۇن ۋە بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈلۈپ قاتتىق جازا بېرىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن.

  خۇاڭخۇا شەھىرى بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى

  2019- يىلى 1- ئاينىڭ 15- كۈنى

  ئالاقىدار خەۋەر:

  خېبېي ئۆلكىسىنىڭ خۇاڭخۇا شەھىرى بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، خۇالىن سۇەنجيەنپىڭ شىركىتىنىڭ تەستىق ھۆججىتى يوق ئەھۋالدا ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى توردا يۇقىرى باھادا ساتقانلىقى ئۈستىدە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى

  1- ئاينىڭ 13- كۈنى، مۇخبىرنىڭ خېبېي ساڭجو شەھىرى ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ ھۆكۈمەت بىلوگىدىن ئىگىلىشىچە، خېبىي خۇاڭخۇا شەھەرلىك ھۆكۈمەت مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ، خۇالىن سۇەنجيەنپىڭ شىركىتىگە بىرلىشىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغان.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 1- ئاينىڭ 9- كۈنى، ئالاقە تورلىرىدا بەزى خەۋەرلەر، يەنى ھەر قايسى تاراتقۇلار خېبېي ئۆلكىسىدىكى سۇەنجيەنپىڭ بىيو-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە ئائىت ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئىنكاس قىلغانلىق ھەققىدىكى خەۋەرلەر پەيدا بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن، خۇاڭخۇا شەھىرىدىكى شەھەرلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دەرھاللا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى گۇرۇپپا باشلىقى بولۇپ، ھەمدە ئالاقىدار تارماقلارنى قاتناشتۇرۇپ، بىر بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى تەشكىللىگەن. نۆۋەتتە، بۇ بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بۇ شىركەتكە كىرىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرماقتا ئىكەن. مەزكۇر بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، سۇەنجيەنپىڭ شىركىتىنىڭ قىلمىشلىرىنى قانۇن ۋە بەلگىلىمە بويىچە جايىدا بىر تەرەپ قىلماقچى ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر