باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قاتناش ساقچىسى: يىل ئاخىرىدا ئاپتوموبىلىڭىزدىن بۇ نەرسىلەر چىقىپ قالمىسۇن

2019.01.16 15:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھازىر كىشىلەرنىڭ ئۆيىدە بىرەر ئاپتوموبىلى بولۇش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. ئاپتوموبىل كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىپلا قالماي، يەنە دۆلەتكە تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىپ بەردى. لېكىن ئاپتوموبىللارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، قاتناش قىستاڭچىلىقىمۇ كۈچىيىپ كەتكەچكە، قاتناش ھادىسىلىرىمۇ دائىم يۈز بېرىپ تۇردى. بولۇپمۇ قىش پەسلىدە ھاۋارايى سەۋەبىدىن قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ھازىر چاغان يېتىپ كېلىشكە ئاز قالغاچقا، قاتناش سىجىللىقىمۇ تەبىئىيلا ھەسسىلەپ ئاشىدۇ، شۇڭا يول بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قاتناش ساقچىلىرى مۇنداق ئەسكەرتىدۇ: يىل ئاخىرىدا ئاپتوموبىلىڭىزدىن بۇ نەرسىلەر چىقىپ قالسا، 12 نومۇر تارتىلغاندىن سىرت يەنە 5000 يۈەن جەرىمانە تۆلەيسىز.

  كۆپچىلىك ھەر يىلى چاغان يېقىنلاشقاندا، ھەر قايسى جايلاردىكى قاتناش تارماقلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى زورايتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، بۇمۇ قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى توسۇپ، ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى ئۈچۈندۇر. نۇرغۇن شوپۇرلار قائىدىگە خىلاپ ھالدا ئاپتوموبىل ھەيدەپ، ئاپتوموبىل ئىچىگە بىخەتەر ھەيدەشكە پايدىسىز بەزى نەرسىلەرنى سېلىۋالىدۇ. بۇ نەرسىلەر قاتناش ساقچىلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشىغا ئېغىر دەخلى يەتكۈزگەچكە، بايقالغان ھامان قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدۇ.

  ئالدى بىلەن تىلغا ئالىدىغىنىمىز نومۇر تاختىسى ئۆرۈش ئۈسكۈنىسى. ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى ھەربىر ئاپتوموبىلنىڭ كىملىكى ھېسابلىندۇ. كىشىلەر يولدا قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئاپتوموبىل ھەيدەپ نازارەت ئۈسكۈنىسىگە چۈشۈپ قالسىلا جازالىنىدۇ. بەزىلەر بۇ خىل قىلمىشنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئاپتوموبىلىغا ساختا كىملىك، يەنى ساختا نومۇر تاختىسى ياسىۋالىدۇ، بۇنداقتا نازارەت ئۈسكۈنىسىگە چۈشۈپ قالسىمۇ قاتناش ساقچىلىرى تاپالمايدۇ. شۇڭا نۇرغۇن قانۇنسىز ئۇنسۇرلار بۇ خىل نومۇر ئۆرۈش ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ جازادىن قاچماقچى بولىدۇ. ئۇنداقلار بايقىلىپلا قالسا، 12 نومۇر تارتىلغاندىن سىرت، يەنە 5000 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

  يەنە بىرسى ئېلېكترونلۇق ئىت. بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر بۇ پەقەت بىر ئېلىكتىرونلۇق مەھسۇلات، ئىشلىتىشمۇ قولايلىق دەپ قارىشى مۇمكىن، چۈنكى، ئۇ سىزگە ئاپتوموبىل سۈرئىتىنىڭ بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن ئېشىپ كەتكەن-كەتمىگەنلىكىنى توغرا ئېيتىپ بېرەلەيدۇ، يولدا تېزلىك ئۆلچەش نۇقتىسىنى بايقىسىمۇ ئاپتوموبىل ئىگىسىگە ۋاقتىدا خەۋەر بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل ئېلېكترونلۇق ئىتمۇ قانۇنغا خىلاپ، بۇ نەرسە بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر تېزلىك ئۆلچەش نۇقتىسى بولمىغان يول بۆلەكلىرىدە سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەپ ئېغىر قاتناش خەۋپى پەيدا قىلدى. شۇڭا، ئاپتوموبىلىغا بۇ خىل ئۈسكۈنە ئورنىتىۋالغانلارغا بولغان جازا سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ پىراۋىسىدىن 12 نومۇر تارتىلىدۇ ھەم جەرىمانە قويۇلىدۇ.

  ئومۇمەن ئېيتقاندا، چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، تەكشۈرۈش چوقۇم تېخىمۇ قاتتىق بولىدۇ، بىز يولۇچىلارنىڭ تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولماسلىقىنى، ئاپتوموبىلىغا بەزى قانۇنسىز مەھسۇلاتلارنى ئورنىتىۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز. چۈنكى، بىخەتەرلىك بىرىنچى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر