باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نۇرغۇن جايلارنىڭ ئۆي مۈلۈك بازىرىدا بوشىتىش ۋە مىكرو تەڭشەش پەيدا بولدى

2019.01.16 15:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۆي مۈلۈك بازىرى تەڭشەلدى، بولۇپمۇ كېيىنكى يېرىم يىلدا تەڭشەش سالمىقى زورايتىلدى، يېقىنقى مەزگىلدە، بىر قىسىم شەھەرلەردىمۇ سىياسەتنى بوشىتىش ۋە مىكرو تەڭشەش ئەھۋالى پەيدا بولدى. مۇتەخەسسىسلەر 2019-يىلى ئۆي ھايانكەشلىكى قىلماسلىق سىياسىتىنىڭ ئاساسىي روھىدا ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولمايدۇ، ئاھالىلەرنىڭ مۇۋاپىق بولغان ئۆزى تۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى قوللاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەبلەغ سېلىش، ھايانكەشلىك ئېھتىياجىغا كۈچلۈك بېسىم قىلىنىدۇ، بۇلتۇرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئۆي مۈلۈك بازىرىنىڭ داۋاملىق پەسكويغا چۈشۈشىگە ئەگىشىپ، قىسمەن شەھەرلەر، قىسمەن رايونلارنىڭ 2019-يىلى سىياسەتنى تەڭشەپ تىزگىنلىشىدە مىكرو تەڭشەشنىڭ پەيدا بولۇشىمۇ مۆلچەردىكى ئىش بولىدۇ دەپ پەرەز قىلدى.

  كەسپىي ئەربابلار تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ قارىدى: 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، ئۆي ھايانكەشلىكى قىلماسلىق نىشانىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇلۇپ، شەھەرلەرگە قاراپ سىياسەت يولغا قويۇلۇپ، تۈرگە بۆلۈپ يېتەكلىنىپ، شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ سۇبيېكىتلىق مەسئۇلىيىتى چىڭىتىلدى. شۇڭا، كەلگۈسىدە ئۆي ھايانكەشلىكى قىلماسلىق، شەھەرلەرگە قاراپ سىياسەتنى يولغا قويۇشنىڭ ئاساسىي روھىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ، ئاھالىلەرنىڭ مۇۋاپىق بولغان ئۆزى تۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى قوللاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەبلەغ سېلىش، ھايانكەشلىك ئېھتىياجىغا كۈچلۈك بېسىم قىلىنىپ، قىزىق نۇقتىلىق شەھەرلەردىكى ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىش بېسىمى يېنىكلىتىلدۇ.

  يىجۈ ئۆي مۈلۈك بازىرى تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەھلىلىدە مۇنۇلار مۆلچەرلەندى: 2019-يىلى مەملىكەت بويىچە تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش كۆلىمى كىچىك دائىرىدە ئازىيىپ، پۈتۈن يىللىق نىسبەت ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6 ئەتراپىدا تۆۋەن بولۇشى، تۆت يىل ئاشقاندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم داۋاملىق تۆۋەنلىشى مۇمكىن. يىجۈ ئۆي مۈلۈك بازىرى تەتقىقات يۇرتىنىڭ «2018-، 2019-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆي مۈلۈك بازىرى تەتقىقات دوكلاتى»دا مۆلچەرلىنىپ، 2019-يىلى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئۆي مۈلۈك بازىرى 2018-يىلى 8-ئايدا باشلانغان تۆۋەنلەش سەپىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى نۇرغۇن رايونلارنىڭ ئۆي مۈلۈك بازىرى تەكشى ھالەتتە تۇرىدۇ دەپ كۆرسىتىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر