باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى

2019.01.16 15:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ زور ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ۋەزىپە ئۆتىگەندىن بۇيان، گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۆت ئاڭنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، تۆت ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىككىنى قوغداپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ھەقىقىي، چىڭ تۇتۇش كېرەك.

  بىرىنچى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باش ئورۇنغا قويۇپ، ئىدىيە، سىياسىي، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ئاڭلىق ھالدا يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى مۇستەھكەم، قەتئىي، كەم-كۇتىسىز، ھەقىقىي، ئىنچىكە، ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم. ئىككىنچى، بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىل تىجارەت-سودا مۇھىتى يارىتىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادچانلىقىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، چىرىكلىكنىڭ مەنبەسىنى يوقىتىش كېرەك. 3-مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ھۆججەت، يىغىن دۆۋىسىگە پېتىپ قېلىش ئىشلىرىنى تۈزەش لازىم. 4-تېرىشىپ تېجەشلىك، ئىقتىسادچىل بولۇپ، باش بولۇپ غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈش؛ ھۆكۈمەتنىڭ ئادەتتىكى چىقىملىرى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىراجىتىنى ئازايتىش؛ مالىيە مەبلىغىنى ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. 5-قىلىدىغاننى قىلماسلىق، ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك قىلمىشلىرىنى تۈزەش؛ ئىلھاملاندۇرۇش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئاممىنى نەپگە ئىگە قىلىدىغان ئەمەلىي، كۈچلۈك تەدبىرلەرنى چىقىرىش لازىم. 6-پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكىتلىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش كېرەك؛ ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى پارتگۇرۇپپا، پارتكوملار ھەقىقىي باشقۇرۇپ، ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، باشقۇرۇشقا، چىڭ تۇتۇشقا جۈرئەت قىلىپ، ئۇزۇن مۇددەت باشقۇرۇپ، ئۇزۇن مۇددەت چىڭ تۇتۇشى لازىم.

  يىغىندا، بۇ يىللىق گوۋۇيۈەن پاكلىق خىزمىتى يىغىنىنى مۇۋاپىق پەيتتە ئېچىش قارار قىلىندى. خەن جېڭ، سۈن چۈنلەن، خۇ چۈنخۇا، ليۇ خې، ۋېي فېڭخې، ۋاڭ يۇڭ، ۋاڭ يى، شياۋ جيې، جاۋ كېجى قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر