باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز تەجرىبە توپلاپ، تىنچ جۇڭگو قۇرۇشنىڭ يېڭى قېلىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلدى

2019.01.16 15:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز تەجرىبە توپلاپ، "فېڭ چياۋ تەجرىبىسى"نىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە زەربە بېرىش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، تىنچ جۇڭگو قۇرۇشنىڭ يېڭى قېلىپىنى بەرپا قىلدى. خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60 يىللىرىدا بارلىققا كەلگەن فېڭ چياۋ تەجرىبىسى پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ياراتقان بىر يۈرۈش ئۈنۈملۈك بولغان جەمئىيەتنى تەرتىپكە سېلىش لايىھەسى بولۇپ، ھازىر جايلار "فېڭ چياۋ تەجرىبىسى" ئۈستىدە ئىزدىنىش جەريانىدا يەنە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى پۇرسەت بىلىپ، ئەل رايىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كۈچ چىقارماقتا.

  شاڭخەينىڭ باۋشەن رايونى ئالدىنقى يىلى پارتىيە قۇرۇلۇشى يىتەكچى قىلىنغان، ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان ئەقلىي ئىقىدارلىق مۇلازىمەت سۇپىسى بولغان "مەھەللە ئۇچۇرچىسى" سۇپىسى قۇرۇپ، ماشىنا توختىىش قىيىن بولۇش، بىنا كارىدورىغا نەرسە-كېرەك دۆۋىلەپ قويۇش قاتارلىق مەسىلىلەردىن 43 مىڭنى ھەل قىلدى. باۋشەن رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خوڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: خەلق ئاممىسى پىكىر تەكلىپ بېرىپ، تەدبىر كۆرسەتتى، ئەتراپىمىزدىكى قىيىن مەسىلىلەر مەھەللە ئۇچۇر سۇپىسى ئارقىلىق تولۇق ئىنكاس قىلىندى.

  فۇجۇۋ شەھىرى ئۈچ سۇپا قۇرۇش، بىر مەركەزنى كۈچەيتىش، بىر تۈركۈم قوشۇن بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت "311 زىددىيەت، تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىش كۆپ مەنبەلەشكەن بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ئۆلكە، شەھەر، شەھەر رايونى، كوچا، مەھەللە ئەرىز يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، خەلق مۇرەسسسە قىلىش تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇرەسسە قىلىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتىنى %99.8 گە يەتكۈزدى.

  بىخەتەرلىك تۇيغۇسى خەلق ئاممىسىنىڭ ئەڭ تۈپ تەلىپى. جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى قارا قولىنى ياشانغانلارغا سوزغان ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئالدامچىلىقى جىنايىتىگە داۋاملىق قاتتىق زەربە بېرىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن شىچۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى زور تىپىك دولولارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىغا ۋىۋىسكا ئېسىپ نازارەتچىلىك، ھەيدەكچىلىك قىلماقتا ھەمدە پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا مەركەزلىك قولغا ئېلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كۆپلىگەن تارماقلار بىرلىشىپ جەڭ قىلىش، ساغلاملىق بويۇملىرىنى تەكشۈرۈش، باھالاپ بېكىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە قوللىماقتا. ئىنتېرنېت قوشۇلغان بالىلارنى ئالداپ ئېلىپ سېتىشقا زەربە بېرىشنىڭ دەۋر تەلىپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، 2016-يىلى 5-ئايدىن بۇيان جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ يوقاپ كەتكەن بالىلارنىڭ ئۇچۇرىنى جىددىي ئېلان قىلىش سۇپىسى بولغان "جەم بولۇش" سۇپىسى تورغا ئۇلاندى. چېن شىچۈنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىر بالىلارنى ئالداپ ئېلىپ سېتىش دېلولىرىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى ئازلاش ھالىتىدە تۇرۇۋېتىپتۇ.

  2018-يىلى قورال ئىشلىتىش ۋە پارتلىتىش قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش ۋە تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى قورالغا ۋە پارتلاتقۇچقا مۇناسىۋەتلىك دېلودىن 37 مىڭنى پاش قىلىپ، 146 مىڭ قورالنى مۇسادىرە قىلغان. جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئامانلىق باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى جىڭشىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەملىكەت بويىچە قورال ئىشلىتىش، پارتلىتىش جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ يۈز بېرىشى كۆپ يىل ئۇدا تۆۋەنلەش ئاساسىدا، 2018-يىلى 1-ئايدىن 11-ئايغىچە يەنە ئايرىم-ئايرىم ھالدا %27.6، %29 تۆۋەنلىدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، جۇڭگو نۆۋەتتە دۇنيادا قورال ۋە پارتلىتىش جىنايىتى ئەڭ ئاز يۈز بېرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ بىخەتەر دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر