باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى ۋە ئۆزلەشتۈردى

2019.01.16 15:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنى يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى ۋە ئۆزلەشتۈردى، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيوروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، يېڭى دەۋىردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى زور نەتىجىلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىنىڭ قىممەتلىك تەجىرىبىلىرى چوڭقۇر يەكۈنلىنىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۆرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. رەھبىرى كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقۇرى دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلارنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا ئائىت بىرقانچە مىزاننى ئىزچىللاشتۇرۇشى توغرىسىدا ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۆرۈشىنى قەتئىي ئېغىشماستىن ئىلگىرى سۈرۈشكە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلدى ۋە قوللانما بىلەن تەمىنلەندى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىدىيە بىلەن ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلشنىڭ ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە سىياسىي ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يول يورۇقىنىڭ تەلىپى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىخ روھى بىلەن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ھەقىقىي، ئىنچىكە ئەملىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. قاتتىق ۋە ئەمەلىي بولۇش روھى بويىچە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سوبىكىتلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيە قرۇۇلۇشىنى كونتكرت، چوڭقۇر تۇتۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش لازىم. پارتىيەلىك رەھبىرى كادىرلار دائىم ئۆزىنى جەدىۋەلگە، ئۆلچەمگە توغىرىلاپ، كېتىپ قالغان جايلىرىنى تۈزەپ تۇرۇشى، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش نۇقتىسىدىن ئۆزىنى باھالاپ، ئۆزىگە تەلەپ قويۇپ، ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، مۇستەھكەم پارتىيىۋىلىكى ۋە يۇقۇرى ساپاسى بىلەن ياخشى باشلامچى بولۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر