باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى چاغانلىق قاتناش بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى قىلىشنى تەلەپ قىلدى

2019.01.16 15:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنى تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى چاغانلىق قاتناش تىرانسپورتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ چاغاندا تىنچ ئامان، ئوڭۇشلۇق سەپەرگە چىقىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: زور پەۋقۇلئاددە چوڭ قاتناش ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاممىنىڭ ئامان ئېسەن سەپەرگە چىقىشىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىش چاغانلىق تىرانسپورت بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش، جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى مەنبەيىدىن تەكشۈرۈش، نۇقتىلىق تۈزەش، يولدا قاتتىق باشقۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، بىخەتەرلىك ئاخىرقى چېكىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، زور، پەۋقۇلئاددە چوڭ قاتناش ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشى كېرەك، شەھەر، ئاساسى غول تاشيوللار، ۋە يېزىلاردا تەڭ كۈچەپ، يولدا زەربە بېرىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يول قاتناش تەرتىپىنى تۈزەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: چاغانلىق قاتناش مەزگىلىدە، ئاممىنىڭ يۇرتىغا قايتىشقا ئالدىرىغانلىقتىن، يوللارنىڭ راۋان بولۇشىغا بولغان ئارزۇسى كۈچلۈك، تەلىپى يۇقىرى، جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى قاتناش ئېقىمى، قاتناش ۋەقەسى، ناچار ھاۋا رايى كەلتۈرۈپ چىقارغان قاتناش قىستاڭچىلىقىغا ئىلمىي تاقابىل تۇرۇپ، ئۇزاق ۋاقىت، ئۇزاق ئارىلىقتا ئۆچرەت تۇرۇپ قىستاڭچىلىق بولۇش ۋە زور كۆلەمدە كىشىلەر تۇرۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، ناچار ھاۋا رايىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئالاقىدار تارماقلارغا ماسلىشىپ قار، مۇزنى تازىلاش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ، ئاساسى غوللۇق تاشيوللارنىڭ راۋان بولۇشىغا ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلىپ، يوللارنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر