باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كاپالەت بىلەن ئەۋەتكەن ئاۋمېنلىق ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى مۇشۇ ئاينىڭ 13-كۈنى تۇنجى نۆۋەتلىك قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى

2019.01.15 15:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2019-يىللىق ئىچكىرى ئۆلكىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاۋمېنلىق كاپالەت بىلەن ئەۋەتكەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك قوبۇل قىلىش نەتىجىسى مۇشۇ ئاينىڭ 13-كۈنى ئېلان قىلىندى، جەمئىي 882 كىشى قوبۇل قىلىندى، قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %77 گە يەتتى. ئىچكىرىدىكى 88 ئالىي مەكتەپ ئىچىدە 15 ئالى مەكتەپ نورمىدىن ئاشۇرۇپ قوبۇل قىلدى.

  ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان ئالىي مەكتەپلەر شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاۋمېن جاۋيې ئوتتۇرا مەكتىپى نەق مەيدانىدا قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى ھەمدە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارغا قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى تارقاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئاۋمېنلىق مەكتەپداشلار ئالىي مەكتەپنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ھەمدە ئوقۇش كەچۈرمىشلىرى، مەكتەپ تۇرمۇشى ۋە مەكتەپكە كىرىش ئورۇنلاشتۇرۇشى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇردى.

  جۇڭگو خەلق داشۆسى تولۇق كۇرۇسقا قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ بىر مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل جەمئىي 28 ئاۋمېنلىق ئوقۇغۇچى خەلق داشۆسىگە ئىمتىھان بەردى. يۈزتۇرانە ئىمتىھاندىن كېيىن، ئاخبارات، سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش قاتارلىق كەسىپلەرگە 20 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم جەمئىي ئاۋمېنلىق بۇ يىل مەكتەپ پۈتتۈرىدىغان 1138 ئوقۇغۇچى كاپالەت بىلەن ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇغۇچى ئىمتىھانىغا تىزىملاتقان. تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ بولغان ئۆلكىلەر ئىچىدە بېيجىڭ، گۇاڭدۇڭ، خۇبېي، شاڭخەي ۋە جاڭسۇ ئالدىنقى بەش ئورۇندا تۇرىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر