باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىنتېرنېت ئىقتىسادىي كۆلىمى كۆرسەتكۈچى دۇنيادا 1-ئورۇندا تۇرغان

2019.01.15 15:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇشۇ ئاينىڭ 13-كۈنى مەركىزىي مالىيە ئىقتىساد داشۆسى جۇڭگو ئېنتېرنېت ئىقتىسادىي تەتقىقىقات يۇرتى، ئىقتىساد شۆيۈەنى ۋە ئىجىتمائىي پەن ھۆججەتلەر نەشرىياتى بىرلىكتە نەشىر قىلغان «ئىنتېرنېت ئىقتىسادىي كۆك تاشلىق كىتابى: جۇڭگو ئىنتېرنېت ئىقتىسادىي تەرەققىيات دوكلاتى 2018»دە كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىنتېرنېت ئىقتىسادىي كۆلۈمى كۆرسەتكۈچى دۇنيادا 1-ئورۇندا تۇرغان.

  ئىنتېرنېت ئىقتىسادىي كۆك تاشلىق كىتابى تېما گۇرۇپپىسى قۇرغان، جۇڭگو قوزغىغان ۋە يىتەكچىلىك قىلغان خەلقئارا ئىنتېرنېت ئىقتىسادىي تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى جۇڭگونىڭ ئېنتېرنېت ئىقتىسادىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ۋە ئۈستۈنلۈكى ۋە كەمچىلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى. بۇ كۆرسەتكۈچ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىنتېرنېت ئىقتىسادىي تەرەققىيات كۆرسەتكۈچىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى شۇنداقلا ئۇنىڭ 25 ئاساسىي ئىقتىسادىي گەۋدە ئىچىدىكى نىسبىتىنى ئۆلچەشنى مەقسەت قىلىدۇ. كونكىرېت قىلىپ ئېيتقاندا، كۆلەم كۆرسەتكۈچى ئىنتېرنېت ئىقتىسادى كارخانىلىرىنىڭ سانى، تور ئابونېتى سانى، توردا پارچە سېتىش مىقدارىنىڭ 25 دۆلەتتە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى ئۆلچەيدۇ. ئۆلچەش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، جۇڭگو، ئامېرىكا، ياپونىيە، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيە ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئالدىنقى بەش ئورۇندا تۇرغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۈستۈنلۈكى روشەنكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر