باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2018-يىلى ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودىسى مۇقىم ئېشىپ ئىمپورت-ئېكسپورت كۆلىمىنى تارىختىكى يۇقىرى نۇقتىغا يەتكۈزدى

2019.01.15 15:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 2018-يىلى پۈتۈن بىر يىللىق ئىمپورت-ئېكسپورت ئەھۋالىنى ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى؛ تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى، ئىستاتېستىكىلىق تەھلىل مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لى كۈيۋېن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2018-يىلى ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 30 تىرىلىيون 510 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، 2017-يىلىدىكىدىن % 9.7 ئاشتى. 2018-يىلى ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودىسى مۇقىم ئاشتى ھەمدە ئىمپورت-ئېكسپورت كۆلىمىنىڭ تارىختىكى يۇقىرى نۇقتىغا يېتىشىگە تۈرتكە بولدى، سۈپەت ئۈنۈمى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

  ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودا تەرەققىياتىنىڭ قانداق يېڭى ئالاھىدىلىكى ۋە يېڭى يارقىن نۇقتىلىرى بار؟ لى كۈيۋېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن يىلى ئېلىمىز تاشقى سودا تەرەققىياتىدا مۇشۇنداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى ئاسانغا توختىمىدى، بۇ ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بەش جەھەتتە گەۋدىلىنىدۇ:

  بىرىنچى، سودا مۇھىتى ياخشى بولدى. ئۆتكەن يىلى ئېلىمىز بىر قاتار باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، پورت تىجارىتى مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش سىياسەت-تەدبىرلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويۇپ، سودىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى. ئېلىمىزنىڭ سودا مۇھىتى ئومۇميۈزلۈك 32 ئورۇن يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا ھالقىغان سودا رەت تەرتىپى 97-ئورۇندىن 65-ئورۇنغا كۆتۈرۈلۈپ، 32 ئورۇن يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئۇندىن باشقا، ئېلىمىز يىل ئىچىدە قىسمەن مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكىسپورتتىن قايتۇرىدىغان باج نىسبىتىنى ئىككى قېتىم ئۆستۈرۈپ، ئېكسپورتنىڭ ئېشىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى ھەمدە دورا، ئاپتوموبىل ۋە ئۇنىڭ زاپچاسلىرى، كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۆۋەنلىتىپ، ئىمپورتنىڭ ئېشىشىنىمۇ ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى.

  ئىككىنچىدىن، تاشقى سودا كارخانىلىرى كۆپەيدى. 2018-يىلى ئېلىمىز ئىقتىسادى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى ۋە مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلىدى، ئىقتىسادىي ھەرىكەت مۇۋاپىق ئارىلىقنى ساقلاپ، تاشقى سودا ئۈچۈن ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ بەردى.

  ئىستاتېستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئىمپورت-ئېكسپورتتىكى ئەمەلىي نەتىجىسى بار كارخانىلار 2017-يىلدىكى 436 مىڭدىن 470 مىڭغا كۆپەيدى، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچى يەنىمۇ ئۆستى.

  ئۈچىنچى، سودا شېرىكلىرى كېڭەيدى. 2018-يىلى ئېلىمىز تاشقى سودا بازىرىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈشتە پائال ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئەنئەنىۋى سودا شېرىكلىرى بىلەن ياخشى ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر ۋە رايونلار بىلەن بولغان ئىقتىساد سودا ئالاقىسىنى پائال كېڭەيتتى؛ بۇنىڭ ئىچىدە 2018-يىلى ئېلىمىزنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەر، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئايرىم-ئايرىم 3.6، 6.7 ۋە 6 پوئېنت يۇقىرىلىدى.

  تۆتىنچى، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئاشتى. مىقدار ۋە باھا ئامىلىدىن قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى ئېلىمىز ئىمپورت-ئېكسپورتىنىڭ ئېشىشىدا مىقدارنىڭ تۈرۈتكە بولۇش ئامىلى تېخىمۇ كۈچەيدى. تاموژنا تارماقلىرىنىڭ دەسلەپكى مۆلچەرىگە قارىغاندا، ئېلىمىزنىڭ ئىمپورت مىقدار كۆرسەتكۈچى 106.4، ئېكسپورت مىقدار كۆرسەتكۈچى 103.6 بولۇپ؛ ئىمپورت-ئېكسپورتقا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %50 دىن ئېشىپ، تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورتىنىڭ ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تېخىمۇ پۇختىلىغان.

  بەشىنچى، سۈپەت ئۈنۈمى ياخشى بولدى. بۇ ئاساسلىقى ئىمپورت-ئېكسپورتنىڭ تېخىمۇ تەڭپۇڭ بولۇشى، رايون تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ ماسلىشىشى، مەھسۇلات قۇرۇلمىسىنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىنىشى قاتارلىق جەھەتلەردە گەۋدىلەندى. مەھسۇلاتتىن قارىغاندا، بىر قىسىم يۇقىرى قوشۇلما قىممەتلىك ماشىنا-ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى ۋە جابدۇق ياسىمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكىسپورتىدا ياخشى ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. ئالايلۇق، مېتال پىششىقلاش ئىستانوكى %19.2، يانفون %9.8، ئاپتوموبىل %8.3 ئاشتى؛ بىر قىسىم مۇھىم ئەسلىھە ۋە ئاچقۇچلۇق زاپچاسلار ئەلا سۈپەتلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى ئىمپورتىدىمۇ بىر قەدەر تېز ئېشىش ساقلاندى. ئالايلۇق، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى %16.9، ئىستېمال بۇيۇملىرى %10.9 ئاشتى؛ بۇنىڭ ئىچىدە سۇ مەھسۇلاتلىرى %39.9 ئاشتى. ئىمپورت-ئېكسپورت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى يەنىمۇ ئۆستى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر