باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزا ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى

2019.01.15 15:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شەرقىي شىمال سىفەن داشۆسى جۇڭگو يېزا مائارىپى تەرەققىيات تەتقىقات يۇرتى مۇشۇ ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدا «جۇڭگو يېزا مائارىپىنىڭ 2019-يىللىق تەرەققىيات دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى. دوكلاتتىن ئايان بولۇشىچە، دۆلىتىمىزنىڭ يېزا ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ياخشى راۋاجلانغان.

  بۇ دوكلاتتا، جۇڭگونىڭ يېزا مائارىپى تەرەققىيات تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئېلىمىزدىكى 19 ئۆلكىدىكى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتى ۋە دۆلەتنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتى ئۇنىۋېرسال قوللىنىلغان. دوكلاتتىن ئايان بولۇشىچە، 2017-يىلى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تەكلىپ قىلىنغان ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىسى 77 مىڭغا يەتكەن، ئۇلار ئون مىڭدىن ئارتۇق يېزا مەكتىپىگە تارقالغان، يېزا باشلانغۇچ مەكتەپلىرى ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نىسبىتى دۆلەت ئۆلچىمىدىن تۆۋەن ئىكەن. 2017-يىلى مەملىكەت بويىچە باشلانغۇچ مەكتەپ مەخسۇس كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نىسبىتى %95.26 بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە يېزىلارنىڭ %93.80 بولغان.

  يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلالماسلىق، ئېلىپ قالالماسلىق، تۇرغۇزالماسلىق ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈچۈن «يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوللاشنىڭ (2015 - 2020)غىچە بولغان پىلانى»دا يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇش تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش، شەھەر-يېزىلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتات ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئۇنۋان ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىشتا يېزا مەكتەپلىرىگە ئېتىبار بېرىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  2017-يىلى، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇش تولۇقلىمىسىدا مەركەزلىك تۇتاشما ئالاھىدە نامرات رايونلاردىكى ناھىيەلەرنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇلدى، جايلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ئايلىق تولۇقلىما ئۆلچىمى 322 يۈەن بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر