باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى دەۋر ئۈچۈن «مىڭ يىللىق شەھەر» بەرپا قىلايلى

2019.01.15 15:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، گوۋۇيۈەن «خېبېي شيوڭئەن يېڭى رايونىنىڭ 2018-يىلىدىن 2035-يىلىغىچە بولغان ئومۇمىي پىلانى»نى تەستىقلىدى. بۇ ئومۇمىي پىلان بۇلتۇر 4-ئايدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان «خېبېي شيوڭئەن يېڭى رايونى پىلان پىروگراممىسى»نىڭ تەپسىلىيلەشتۈرۈلۈشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلىشى. بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكىسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشنى مەركەزلىك ئۈستىگە ئېلىشتەك بۇ ئەسلى مەقسەتنى چىڭ ئىگىلەپ، دۇنياۋى نەزەر، خەلقئارلىق ئۆلچەم، جۇڭگوچە ۋە يۇقىرى پەللىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك، ئومۇمىي پىلاننىڭ ئېلان قىلىنىشى شيوڭئەن يېڭى رايونىنى يۇقىرى پەللىدىن پىلانلاش، يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان مەملىكەتلىك ئەندىزە، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسىنى قۇرۇشنىڭ يېڭى ماتورىنى بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شيوڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇش- يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ تەڭكەش تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن چىقارغان زور ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى، بۇ بىر تارىخىي قۇرۇلۇش، «مىڭ يىللىق چوڭ پىلان، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى». باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «شيوڭئەن يېڭى رايونى بىز ئەۋلادلارغا قالدۇرىدىغان تارىخىي مىراس»، قۇرۇلۇشنى ئەڭ ئىلغار ئىدىيە ۋە خەلقئارا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سەۋىيە بىلەن لايىھەلەپ قۇرۇش- تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شيوڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىشتا، شيوڭئەن يېڭى رايونىنى پىلانلاپ قۇرۇشتىكى ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، تارىخىي سەۋرچانلىق ۋە پۇختا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، تارىخنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىدىغان «مىڭ يىللىق شەھەر» قۇرۇپ چىقىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر