باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتى ماھىيەتلىك قۇرۇلۇش باسقۇچىغا كىردى

2019.01.15 15:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي تەڭكەش تەرەققىيات رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لىن نيەنشيۇ گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن خېبېي شيوڭئەن يېڭى رايونى ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركەز پىلان قۇرۇلۇشى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ تەڭكەش تەرەققىياتى بەش يىلنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئىلگىرىكى تەپەككۇر يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئۇل سېلىش ۋە يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەش باسقۇچىدىن ماھىيەتلىك قۇرۇلۇش باسقۇچىغا كىردى.

  لىن نيەنشيۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، شيوڭئەن يېڭى رايونى ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركەز پىلانى قۇرۇلۇشى يۇقىرى ئۆلچەملىك يۇقىرى سۈپەتلىك ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە، بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكىسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇش پائال، پۇختا قانات يايدۇرۇلماقتا. قاتناش، ئېكولوگىيە، كەسىپ قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە ئالدىن بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، شيوڭئەن تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەسى ئاساسەن پۈتتى، «N+1» پىلان سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىندى، «N+1» سىياسەت سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى، شيوڭئەن يېڭى رايونى پىلانىدىكى تۆت لىم سەككىز تۈۋرۈك ئاساسىي جەھەتتىن پۈتتى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى تارقاقلاشتۇرۇش- بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي رايونىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ھالقىلىق سۆز بولۇپ قالدى. شيوڭئەن يېڭى رايونى ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركەز قۇرۇلۇشى ئومۇمىي نىشانى مۇنداق بولدى: بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكىسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ تۈگۈننى چىڭ تۇتۇپ، رايون ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى ۋە بوشلۇق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ شەھەر، ئالاھىدە چوڭ شەھەر قاتارلىق نوپۇس، ئىقتىساد مەركەزلەشكەن رايونلارنىڭ تەرتىپلىك تارقاقلاشتۇرۇش ئىقتىدارى، «چوڭ شەھەر كېسىلى»نى ئۈنۈملۈك تۈزەشنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر