باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئارمىيە بىلەن يەرلىك قول تۇتۇشۇپ چېگرا مۇداپىئە قىسىمنىڭ كۆكتات قۇرۇلۇشىنى تەرەققىي قىلدۇردى

2019.01.15 14:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئارقا سەپ تەمىنات بۆلىمى ھەربىي ئىشلارغا كېرەكلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، يېزا-ئىگىلىك، يېزا مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىشىپ، ھەربىي ۋە يەرلىك يېزا-ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ چېگرا مۇداپىئە بىرىنچى سەپ قىسمىغا بېرىپ، تېخنىكا، ئەلا سورت، كىتاپ يەتكۈزۈش، تەربىيەلەشكە يېتەكچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچىنى يەتكۈزۈش، بىردە تەربىيەلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، بۇ ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئارقا سەپ تەمىنات بۆلىمىنىڭ ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، چېگرا مۇداپىئە قىسمىنىڭ كۆكتات قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇشىنىڭ بىر كارتىنىسى.

  بۇ قېتىم زىيارەت قىلىپ ھال سورالغان چېگرا مۇداپىئە قىسىمى ئېلىمىزنىڭ شىمالىي چېگرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، قىش پەسلى سوغۇق ۋە ئۇزاق ئىدى،مۇلازىمەت، يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ قاراتمىلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېزا-ئىگىلىك مۇتەخەسسسلىرى پارنىكلارغا كىرىپ كۆكتاتتىكى زىيانداش ھاشارەتلەرنى تەكشۈردى، قوتانلارغا كىرىپ باقمىچىلىقتىكى قىيىن مەسىلىلەرگە جاۋاپ بەردى، ئوفېتسىر ئەسكەرلەر بىلەن ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى ھەققىدە پاراڭلاشتى، مەركەزلىك تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈشكە تەشكىللەپ، كۆكتات تېرىش ۋە باقمىچىلىقتا ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان تېخنىكىلارنى شۇنداقلا باشقۇرۇش، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئىلمىي ئۇسۇللىرىنى ئۆگەتتى.

  بۇ قېتىم ئارمىيە بىلەن يەرلىك بىرلىشىپ قانات يايدۇرغان ئۈچنى يەتكۈزۈش بىردە تەربىيەلەش پائالىيىتىدە، جەمئىي 21 يىڭ، ليەن ئورۇن، 3 چېگرا مۇداپىئە قاراۋۇلخانىسى زىيارەت قىلىندى، تەرخەمەك، پەمىدۇر، لازا، چىڭسەي قاتارلىق ئون خىل كۆكتات ئەلا سورتى تارقىتىلدى، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، كېسەللىك ۋە ھاشارەت زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئوقۇتۇش ماتېرىيالىدىن 500 يۈرۈشتىن كۆپرەك سوۋغا قىلدى، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق تېخنكىسىدىكى غوللۇق كادىردىن 100دىن كۆپرەك كىشى تەربىيەلەندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر