باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى كەسپىنىڭ تىپى ئۆزگىرىدۇ، دەرىجىسى ئاشىدۇ

2019.01.15 14:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  36 يىل داۋاملاشقان مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ بۇ يىللىق شېنجېن تارماق مەيدانىدا دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى 4k قانىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5g تورىدا كۆرسىتىش ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ، بۇ ئېلىمىزنىڭ تۇنجىي قېتىم 5g تورىدا 4k مەزمۇنىنى يەتكۈزۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  مۇشۇ ئاينىڭ 13-كۈنى مەركىزىي رادىيو، تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش، خۇاۋېي شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ گۇاڭدوڭنىڭ شېنجېندا 5g تورىدا 4k نىڭ مەزمۇنىنى يەتكۈزۈشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىنىدى، بۇ ئېلىمىزدىكى تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك 5g يېڭى تاراتقۇ سەھنىسى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى يەنە بىر مۇھىم بۆسۈش بولۇپ، مەركىزىي رادىيو، تېلىۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ كۈچلۈك يېتەكچىلىك كۈچىگە، تارقىتىش كۈچى، تەسىر كۈچىگە ئىگە خەلقئارادىكى بىرىنچى دەرىجىلىك يېڭى ئاساسى ئېقىم تاراتقۇسى بەرپا قىلىش، 5g كۆلىمىنى سىناق قىلىپ ۋە قوللىنىپ، ئۈلگە كۆرسىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ماھىيەتلىك قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، مەركىزىي رادىيو، تېلىۋىزىيە باش ئىستانسىسى 5g يېڭى تاراتقۇ سەھنە قۇرۇلۇشى تەرەققىيات پىلانىغا ئاساسەن، بۇ يىل مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، يەنە 5g تاراتقۇسىنى قوللىنىش تەجرىبىخانىسى ئېچىلىپ، 5gغا ئالاقىدار تېخنىكىلارنى قوللىنىشنى دائىملىق ھالەتكە ئايلاندۇرۇش سىنىقى ئېلىپ بېرىش، كۆرسىتىش سەھنىسى مۇقىم بەرپا قىلىنىدۇ، 4k دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئۈن-سىن پىروگراممىلىرىنى قايتۇرۇپ يوللاش ۋە بىۋاستە كۆرسىتىشنى 5g مەخسۇس تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش قانات يايدۇرۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىناق قىلىنغان 10 شەھەردە 4k دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقۇرى ئېنىقلىقتىكى ۋىدېيو سېگنالىنى 5g دا بىۋاستە كۆرسىتىش تەڭلا ۋاقىتتا ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر