باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلار، تارماقلار قەتئىي تاقەت قىلماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن قازا، رەزىل كۈچلەر جىنايىتىگە نۇقتىلىق زەربە بەردى

2019.01.15 14:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، قارا، رەزىل كۈچلەرنى تازىلاش مەخسۇس كۈرىشى ئېلىپ بېرىلغان بىر يىلدىن بۇيان، جايلار، تارماقلار قەتئىي تاقەت قىلماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن ئامما قاتتىق نەپرەتلىنىۋاتقان، ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىش، يۇرتىدا زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىش، پۇقرالارنى بوزەك قىلىش، بازارنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىش قاتارلىق ئون تۈرلۈك قارا، رەزىل كۈچلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايىتىگە قاتتىق، نۇقتىلىق زەربە بەردى. ئۆتكەن يىلى 1-ئايدىن 11-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە قارا گۇرۇھقا چېتىشلىق تەشكىلاتتىن 1082سى يوقۇتۇلۇپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى تازىلاش مەخسۇس كۈرىشىدە كۆرۈنەرلىك باسقۇچلۇق نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى.

  2018-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى، نەنجىڭ شەھىرى شۈەنۋۇ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى قارا، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق يەنجۈن قاتارلىق 21 جاۋابكارنىڭ دېلوسىنى 1-سوتتا ئاشكارە سوتلىدى، بۇ جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ «قارا، رەزىل كۈچلەرنى تازىلاش» مەخسۇس ھەرىكىتىدىكى بىرىنچى دېلو. سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈش ئېنىقلىشىچە، 2014-يىلىدىن باشلاپ، بۇ تەشكىلات نەنجىڭ شەھىرى جياڭبېي يېڭى رايونىدىكى قىسمەن مەھەللىلەردە بېزەش قۇرۇلۇشى ئەخلىتىنى توشۇش، پرىستاندا يۈك چۈشۈرۈش قاتارلىق كەسىپلەردە زومىگەرلىك قىلىپ، بۇ ساھەنى قانۇنسىز كونترول قىلغان ۋە ئېغىر تەسىر پەيدا قىلغان.

  جياڭسۇدىكى يەنجۈن قاتارلىق 21 كىشىنىڭ قارا گۇرۇھقا چېتىشلىق دېلوسىدىن باشقا، 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە قارا گۇرۇھقا چېتىشلىق 1082 تەشكىلات يوقىتىلغان، 1620 تال مىلتىق قولغا چۈشۈرۈلگەن. مەملىكەتلىك قارا، رەزىل كۈچلەرنى تازىلاش ئىشخانىسى ھەيدەكچىلىك قىلىش ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لىۋېي مۇنداق دېدى: ئۇزاندىن بېرى، كەسىپ ۋە ساھەلەردە بازار زومىگەرلىكى قىلىش، يامان غەرەزدە باھا رىقابىتىنى پەيدا قىلىش، يۇرتىدا زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىشتەك رەزىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىلىپ، جايلانىڭ مەبلەغ سېلىش ئىشلىرى راۋاجلاندى، سودا مۇھىتى ناھايىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى.

  قارا، رەزىل كۈچلەرنى تازىلاشتا قارا، رەزىل كۈچلەردىن ئىبارەت جىنايى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەرنى يوقىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قارا، رەزىل كۈچلەر پەيدا بولىدىغان تۇپراقنى يوقىتىش كېرەك. خېبېي ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسىنىڭ تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى لياڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: قارا جەمئىيەت (تەشكىلات)لىرى مەلۇم دەرىجىدە ئاممىۋى ھوقۇق تارماقلىرىنىڭ يول قويۇشىغا ئېرىشتى، شۇڭا مۇشۇنداق قارا جەمئىيەتلەر بىخ ئۇرغان چاغدا، چوقۇم قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش كېرەك.

  2018-يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش رېۋىزىيە ئورگانلىرى قارا، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق چىرىكلىك دېلوسى ۋە مۇھاپىزەت كۈنلۈكى مەسىلىسىدىن 11 مىڭ 829نى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، 2018-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە ئامما پاش قىلغان 300 مىڭدىن ئارتۇق مەسىلىنى تاپشۇرۇپ ئالدى، 18 مىڭ جىنايەت گۇماندارى ئۆزىنى مەلۇم قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر