باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇلتۇر ئېلىمىزدە كىچىك ماشىنىلارنىڭ مىقدارى 200 مىليوندىن ئاشتى

موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدىگۈچىلەر 400 مىليوندىن ئاشتى

2019.01.14 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2018- يىلى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇرغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى 31 مىليون 720 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ مىقدارى 327 مىليونغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتوموبىللار 240 مىليوننى، كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرى تۇنجى قېتىم 200 مىليوننى ئىگىلىگەن؛ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدىگۈچىلەر 400 مىليون ئادەمدىن ئېشىپ، 409 مىليون ئادەمگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەرنىڭ سانى 369 مىليونغا يەتكەن.

  ئاپتوموبىل تىپلىرىدىن قارىغاندا، كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ سانى 201 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، 2017- يىلدىكىدىن %11.56 ئاشقان، ھەمدە ئۇ ئاپتومبىلغا ئىگە بولۇش مىقدارىنىڭ ئېشىشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ قالدى؛ ئائىلە ماشىنىلىرى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، 2018ـ يىلدىكى نىسبىتى 189 مىليونغا يەتكەن؛ يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ سانى 257 مىليونغا يەتكەن، يېڭى تىزىمغا ئالدۇرغان ئاپتوموبىلنىڭ سانى 32 مىليون 600 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭدا يېڭى رېكورت يارىتىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر