باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2018-يىلى ئىجتىمائىي ئىستېمال بويۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى 40 تىرىللىيون يۈەندىن ئېشىشى مۇمكىن

2019.01.11 14:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، مۇخبىرنىڭ جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى تەتقىقات يۇرتى ئاچقان سۈپەتلىك مۇلازىمەت ئارقىلىق ئىستېمالنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇھاكىمە يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2018-يىلى ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىستىمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 40 تىرلىيون يۈەندىن ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئېشىش سۈرئىتى تۆۋەنلىگەن.

  جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى تەتقىقات يۇرتى دۆلەتلىك سودا تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاۋ پىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : 2018 ـ يىلى ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە ئىستېمالنىڭ GDP غا قوشقان تۆھپە نىسبىتى % 78 گە يېتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى 2018-يىلى ئىستېمالنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىر ئاز پەسەيدى، يىل بېشىدىكى ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىش ئىزچىل تۆۋەنلەپ، 11 - ئايدا % 8.1 گە چۈشۈپ قالدى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، ئىستېمالدا مۇئەييەن بېسىم بولغان، ئىستېمالنىڭ تەكشى ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش 2019-يىلىدىكى مۇھىم نۇقتا بولۇپ قالدى.

  گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىي بازار ئىگىلىكى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى رېن شىڭجوۋ مۇنداق دېدى: 2019-يىلى ئىستېمال ئالدى بىلەن مۇقىم بولىدۇ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، % 10 ئەتراپىدا ئېشىش قولغا كەلتۈرۈلىدۇ. شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، تۈپ سان ئاشماقتا. 2017-يىلى ئىجتىمائىي ئىستېمال بويۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 36تىرلىيون 600 مىليارت يۈەنگە يەتكەن، 2018-يىلى 40 تىرلىيون يۈەندىن ئاشقان، مۇشۇ ئاساستا مۇقىم ئىلگىرىلەپ،كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش لازىم.

  جۇڭگو خەلقئارا ئېلېكتىرونلۇق سودا مەركىزى تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى لى تاۋ مۇنداق دەپ قارىدى: ھۆكۈمەت چىقارغان سىياسەتتىن قارىغاندا،ھازىر ئىستېمالنىڭ يېڭى قىزىق نۇقتىلىرى كۈچەپ يېتىلدۈرۈلۈپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇلىدۇ. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات ھاياتى كۈچى ئىنتايىن چوڭ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر