باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي بانكا: 2019- يىلى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن كارخانىلارنىڭ بانكا ئىسچوتى ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنىدۇ

2019.01.10 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ خەلق بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فەن يىفېي گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىغا قاتناشتى، ئۇ، كارخانىلارنىڭ ھېساب ئېچىش ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرغاندا: خەلق بانكىسى كارخانىلارنىڭ بانكا ئىسچوتى ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىش خىزمىتىنى پائال ۋە سالماقلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنى 2019- يىلى يىل بېشىدا ئالدى بىلەن جىياڭسۇ ۋە جېجياڭ ئۆلكىسىدىن ئىبارەت ئىككى ئۆلكىدە كېڭەيتىدۇ، باشقا ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەردە بولسا، ئۇ تۈزۈمنى ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ تەييارلىق ئەھۋاللىرىغا ئاساسەن تۈركۈمگە بۆلۈپ يولغا قويۇشقا بولىدۇ، 2019- يىلى يىل ئىچىدە كارخانىلارنىڭ بانكا ئىسچوتى ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىش خىزمىتى پۈتۈنلەي تاماملىنىپ بولىدۇ، دېدى.

  فەن يىفېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كارخانىلارنىڭ بانكا ئىسچوتى ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىش بولسا، «قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ئەمەلىيلەشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ بىرى. 2018- يىلى 12- ئاينىڭ 24- كۈنى، گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا 2019- يىلى يىل ئاخىردىن بۇرۇن كارخانىلارنىڭ بانكا ئىسچوتى ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىش قارار قىلىندى. گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، مەن بىلەن بىرگە يەنە خەلق بانكىسى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى جۇ شۆدوڭ ۋە چىقىم راسچوتى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋېن شىنشياڭ قاتارلىقلار بۇ تۈرلۈك سىياسەتلەرنى چۈشەندۈرىمىز ھەمدە سىلەرنىڭ سوئاللىرىڭلارغا جاۋاب بېرىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر