باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2018-يىلى ش ئۇ ئا ر يېزىلاردىكى ئىككى مىليون 796مىليون ئادەم قېتىم ئېشىندى ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى

2019.01.08 16:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2018-يىلى نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىش ھەمدە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، يېزىلاردىكى ئىككى مىليون 796مىليون ئادەم قېتىم ئېشىندى ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۈتۈن يىللىق نىشان ۋەزىپىسىنى %103.61 ئورۇنلىدى.

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئەمگەك تۈجۈبلەشكەن كارخانىلارنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، «نامراتلارنى يۆلەش سېخى»، «كىچىك زاۋۇتلار»نى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىششىقا جەلپ قىلىش، كىچىك، ئۇششاق ئىگىلىك تىكلەشنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق ئشىقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق، 2018-يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە يېزىلاردىكى ئىككى مىليون 796مىڭ ئادەم قېتىم ئېشىندى ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان، ئۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتا بىر مىليون 736مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بۇ %62.1نى ئىگىلىگەن، 22 ئېغىر نامرات ناھىيە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى 82مىڭ ئەمگەك كۈچىنى تەشكىللىك يۆتكىگەن، ساياھەتچىلىك كەسپىدە يېڭىدىن 11مىڭ 457ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشقان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر