باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى: ھەربىي كۆرەش تەييارلىق خىزمىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يازايلى

2019.01.07 09:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى «ھەربىي كۆرەش تەييارلىق خىزمىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يازايلى» ماۋزۇلۇق ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلدى.

  ماقالىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: رەئىس شى جىنپىڭ ھەربىي كۆرەش تەييارلىق خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى يېپىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھەربىي ئىشلار كومىتېتى رەھبەرلىرىنى باشلاپ ھەربىي ئىشلار كومىتېتى بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش قوماندانلىق مەركىزىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، «ئارمىيەدە ھەربىي مەشىق قىزغىن دولقۇنى قوزغاش كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. 19-قۇرۇلتايدىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم بېيجىڭدىن ئايرىلىپ قىسىمنى كۆزدىن كەچۈرگەندە «يېڭى دەۋر ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقى خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش لازىم» دەپ تەكىتلىدى؛ 2018-يىلى كىرىشى بىلەن، رەئىس شى جىنپىڭ مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مەشىق باشلاش سەپەرۋەرلىك يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە ئارمىيەگە مەشىق بۇيرۇقى چۈشۈردى؛ 2019-يىلى ئىمزالانغان مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتى دەل مەشىق باشلاش بۇيرۇقى بولۇپ، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنىڭ دەۋر بۇرغىسىنى چالدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم بايان يوليۇرۇقلىرى، بىر قاتار زور تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى پارتىيەنىڭ يادروسى، ئارمىيەنىڭ باش قوماندانىنىڭ كۈچلۈك كۈلپەت ئېڭى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى نايامەن قىلىپ، ھەربىي كۆرەش تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى قىلىشنى تۈپ قوللانما ۋە ئىلمىي كۆرسەتكۈچ بىلەن تەمىن ئەتتى.

  بۈگۈنكى دۇنيا ئاز كۆرۈلىدىغان چوڭ ئۆزگىرىشكە دۇچكەلمەكتە، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا مۇھىم ستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرماقتا، ئىستىقبالى ئىنتايىن پارلاق، خىرىسمۇ ئىنتايىن كەسكىن. دۆلەت خەۋپسىزلىك مۇھىتىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشى، دۆلەتنى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش دەۋر تەلىپى ئالدىدا، كۈلپەت ئېڭى، كىرىزىس ئېڭى، ئۇرۇش قىلىش ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ھەربىي كۆرەش تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پۇختا ئىشلەپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن بۇرچ، ۋەزىپىلەرنى قەتئىي تاماملاش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر