باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇساپىسىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرەيلى

2019.01.07 08:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇساپىسىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرەيلى-باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى توغرىسىدا 3-مۇلاھىزە» ماۋزۇلۇق ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى، ئادالەت، خەلقنىڭ رايى دەل مۇشۇ يەردە. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بەش جەھەتتىكى مۇھىم سىياسەت تەشەببۇسى-تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش روشەن باش تېمىسىغا باشتىن ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن. «جۇڭگولۇقلار جۇڭگولۇقلار بىلەن ئۇرۇش قىلمايدۇ»، «تۇغقانلار تۇغقانلىرىنىڭ ياخشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگولۇقلار جۇڭگولۇقلارغا ياردەم بېرىشى كېرەك»، «قانچىلىك كاشىلا، توسالغۇ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقى توختاپ قالمايدۇ، ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ، كەم بولسا بولمايدۇ»، بۇ سەمىمىي سۆزلەر ئەڭ زور سەمىمىيەتنى، ئەڭ زور تىرىشچانلىق ئارقىلىق تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ ئىستىقبالى توغرىسىدىكى مەيداننى گەۋدىلەندۈردى، بىزنىڭ قوغدايدىغىمىز-پۈتۈن مىللەتنىڭ تۈپ مەنپەئەتى ۋە تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا بولغان ئەڭ ياخشى نىيىتىمىز ۋە غەمخورلۇقىمىزنى نامايەن قىلدى. ئاۋۋال تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن داۋاملىق ئورتاق بەھرىمان بولۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى تۈزۈملەشتۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئىككى قىرغاق ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشى كېرەك.

  بۇلارنىڭ ھەممىسى تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ئۈچۈن ئەمەلىي، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرىش، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىش توغرىسىدىكى ئەمەلىي تەدبىرلەر، كىشىلەر شۇنىڭغا تېخىمۇ ئىشىنىدۇكى، تىنچ بىرلىككە كېلىش-ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارغا ۋە پۈتۈن مىللەتكە ئەڭ پايدىلىق، تىنچ بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىز ئىناق، خاتىرجەم، ئاۋات، ئىززەت ھۆرمەتلىك ئورتاق ماكاندا ياشاپ ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر