باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى پىكىر ئېلان قىلدى

پىكىردە، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى ئاشكارا تۇتۇش، قانۇن ئىجراسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى خاتىرىلەش، قانۇن ئىجراسىدىكى زور قارارلارنى قانۇنچىلىق جەھەتتىن تەكشۈرۈپ بېكىتىش قاتارلىقلارغا ئائىت بىر قاتار تۈزۈملەرنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى

2019.01.04 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى ئاشكارا تۇتۇش، قانۇن ئىجراسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى خاتىرىلەش،قانۇن ئىجراسىدىكى زور قارارلارنى قانۇنچىلىق جەھەتتىن تەكشۈرۈپ بېكىتىش قاتارلىقلارغا ئائىت بىر قاتار تۈزۈملەرنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى. مەزكۇر پىكىردە، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى ئاشكارا تۇتۇش، قانۇن ئىجراسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى خاتىرىلەش، قانۇن ئىجراسىدىكى زور قارارلارنى قانۇنچىلىق جەھەتتىن تەكشۈرۈپ بېكىتىش قاتارلىقلارغا ئائىت بىر قاتار تۈزۈملەر (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۈچ تۈرلۈك تۈزۈم» دېيىلىدۇ)نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش خىزمىتىدىكى ئالاقىدار ئىشلارغا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى مەمۇرىي قانۇننى ئىجرا قىلىشنىڭ مەنبەسى، جەريانى ۋە نەتىجىسى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا فوكۇسلاپ، «ئۈچ تۈرلۈك تۈزۈم»نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش بولسا، قانۇننى قاتتىق ۋە قېلىپلاشقان ھالدا، ھەمدە ئادىل ۋە مەدەنىي رەۋىشتە ئىجرا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۇل خاراكتېرلىك، بىر پۈتۈن گەۋدە خاراكتېرلىك ۋە بۆسۈش خاراكتېرلىك رول ئوينايدۇ، ھەم شۇنداقلا خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتىنى قوغداشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يولداش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيى ۋە 19ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنىڭ ئاشكارا، ئۆلچەملىك، قانۇنىي ۋە ئادىل بولۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئىجرا قىلىش تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجرا قىلىش تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇننى ئىجرا قىلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن، ھەمدە نوپۇزلۇق ۋە ئۈنۈملۈك بولغان مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تۈزۈم سىستېمىسى ۋە مەسئۇلىيىتى ئېنىق بولغان، ھەم قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزىدىغان ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر