باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قول تۇتۇشۇپ، بىر مەقسەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا مۇراجىئەتنامە» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر ساھەدە قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى

2019.01.04 09:05         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1- ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، «تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا مۇراجىئەتنامە» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر ساھەدە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى يېڭى دەۋردە تەيۋەنگە قارىتىلغان خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ مىزانى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بولۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم، زور يېتەكچى ئەھمىيىتىگە ئىگە، مۇقەررەر چوڭقۇر، ئۇزاق تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىشەنچىمىزنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئورتاق ھالدا ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەيۋەن خىزمىتى ئىشخانىسى(ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى)نىڭ مۇدىرى يەن مېي مۇنداق دېدى: ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2018- يىلىدا، شىنجاڭدا ئىجتىمائىي ئومۇملۇق ئىناق، مۇقىم بولغان، ئىقتىساد تەكشى، ساغلام تەرەققىي قىلغان، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلانغان، تۈرلۈك ئىشلار ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىگەن ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق پايدىسىنىڭ سىجىل قويۇپ بېرىلىشى، شىنجاڭ- تەيۋەن ئىككى جاينىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى، ئالاقىسىنى ئالغا سىلجىتىشنى مۇھىم كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. يېڭى بىر يىلدا، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككى قىرغاقتىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرىلەپ، دوستلار چەمبىرىكىمىزنى كېڭەيتىپ، ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، «مەركەزداش چەمبەر»نى ئورتاق سىزىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئىجتىمائىي ئىشلار، قانۇنچىلىق ۋە شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، چياۋمىن قېرىنداشلار، تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تەلئەت تۇردى مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە ئىككى «ئۆزگەرتكىلى بولماسلىق»، ئىككى «توسۇغىلى بولماسلىق» ئارقىلىق، 70 يىلدىن بۇيانقى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي ئىلھامىنى ئىخچام خۇلاسىلەپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر جاكارلاپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ چوڭ ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى، ھەققانىيلىق، خەلقنىڭ ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققىتىمىزنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ مۇدىرى جياڭ پىڭئەن مۇنداق دېدى: كۆپ يىللاردىن بۇيان، گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتى باشتىن- ئاخىر ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نۇقتىلىق خىزمەت قىلىپ، تەيۋەنلىك سودىگەرلەر، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشى قاتارلىقلارغا سۇپا ھازىرلاش، شارائىت يارىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى تەشكىلاتلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، پۇختا خىزمەت قىلىپ، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشقا ھەسسە قوشىدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «دۆلەتنىڭ ئۈمىدى، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ياشلاردا.» ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مەمەتجان داۋۇت مۇنداق بىلدۈردى: بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ شۇ دەۋرگە خاس مەسئۇلىيىتى بولىدۇ، بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ شۇ دەۋرگە خاس بۇرچى بولىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسى باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تارىخىي بۇرچىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

  شىنجاڭ يۇڭدا يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى 2011- يىلى ۋۇجياچۈ شەھىرىگە ماكانلاشقان تەيۋەن مەبلىغى كارخانىسى بولۇپ، نۆۋەتتە شىمالىي شىنجاڭدىكى بىر قەدەر چوڭ لەنخۇا گۈلىنى ئۆستۈرۈش بازىسىنى قۇرۇپ چىقتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شىركەت باش دىرېكتورى دىڭ لويۈنىڭ ھاياجانلىق ھېسسىياتى سۆز- ھەرىكىتىدە ئىپادىلەندى. «باش شۇجى شى جىنپىڭ بىز ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ تۈزۈملىشىشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئورتاق بازىرىنى بەرپا قىلىپ، تەرەققىياتقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، ھەمكارلىققا ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، جۇڭخۇانىڭ مىللىي ئىگىلىكىنى زورايتىشىمىز كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. بۇ، كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش ئىشەنچىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە كۈچەيتتى.» دىڭ لويۈ مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن بىز يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ سېلىنما مۇنبەت تۇپرىقىدا كارخانىنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىمىز.

  ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جىن لىنپېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ يىلتىزى بىر، مەنبەسى بىر، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ قەلب يىلتىزى، تومۇرى ۋە ماكانى. بىز ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئىشىنىش، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ئورتاق ياخشى ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك.

  لوپنۇر ناھىيەسى شىڭپىڭ بازىرى داشى كەنتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ساۋۇر مەڭلىك مۇنداق دېدى: ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار ئىناق بىللە ياشايدىغان بىر ئائىلە كىشىلىرى، مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، ئىككى قىرغاق خەلقى بىرلىكتە تىرىشساقلا، چوقۇم ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولالايمىز، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەتىسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر