باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۆلىنىش كۆرسىتىپ بەردى

2019.01.04 09:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا مۇراجىئەتنامە» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا داغدۇغۇلۇق ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2019-يىلىدىكى تۇنجى مۇھىم پائالىيەتتە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەققىدە بەش تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىنغا قاتناشقان نەچچە يۈز كىشى قېتىر-قېنىپ ئاڭلىدى، ئارىلىقتا 10 نەچچە قېتىم قىزغىن چاۋاك چېلىندى.

  شى جىنپىڭ: ۋەتەن بىرلىككە كېلىشى كېرەك، چوقۇم بىرلىككە كېلىدۇ، بۇ 70 يىلدىن بۇيانقى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنىڭ تارىخىي ھۆكۈمى، شۇنداقلا بۇ يېڭى دەۋىرىكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، دېدى.

  جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ سابىق باشلىقى ۋاڭ يىفۇ نەق مەيداندا باش شۇجىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى. ئۇ ھاياجان بىلەن: باش شۇجى شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە، ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىستىقبالى بارغانسېرى يېقىنلاۋاتىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بارغانسېرى يېقىنلىشىۋاتىدۇ، دېدى.

  بۇنىڭدىن 40 يىل ئىلگىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا مۇراجىئەتنامە»نى ئېلان قىلىپ، ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەققىدىكى مۇھىم سىياسەت، فاڭجېن ۋە سىياسەت تەشەببۇسىنى جارلىغان، بۇ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى تارىخىي سەھىپىنىڭ ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بەرگەن.

  40 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋىردە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ زور سىياسەت تەشەببۇسىنى تەنتەنىلىك ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى تاماملاش قەتئىي ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى.

  فۇجۇ شەھەرلىك تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ 80 ياشتىن ئاشقان سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى جىن زۇڭچەن «تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا مۇراجىئەتنامە»نىڭ ئېلان قىلىشىنىغا گۇۋاھ بولغان. ئۇ ھازىرقىغا قاراپ ئۆتمۈشتىكىنى ئەسلەپ: باش شۇجى سۆزىدە ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈشنى قولغا كەلتۈرۈش ھەققىدە يېڭى بۇيرۇق چىقاردى، بۇ ئىككى قىرغاقتىكى جۇڭگولۇقلارغا نىسبەتەن زور ئىلھام، دېدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە «ئىككى تۈزۈمنىڭ تەيۋەن لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش ئەمەلىيىتىنى بېيىتىش»نى ئوتتۇرىغا قويدى. شى جىنپىڭ «ئىككى قىرغاقتىكى ھەرقايسى پارتىيەلەر، ھەر قايسى ساھەلەر 92-يىلىدىكى ئورتاق تونۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا قارشى تۇرۇشتەك ئورتاق سىياسىي ئاساستا، ۋەكىللىك زاتلارنى كۆرسىتىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە كەڭ تۈردە چوڭقۇر دېموكراتىك كېڭىشىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىرىشى كېرەك» دەپ تەشەببۇس قىلدى. بېيجىڭ داشۆسى تەيۋەن تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى لى يىخۇ: ئىككى تۈزۈمنىڭ تەيۋەن لايىھەسى قاتارلىقلار ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن، مۇھىم نەزەرىيە ۋە سىياسەت ئىجادىيىتى بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتكە، مىللەتكە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى تولۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دېدى.

  يىغىندا بازار سۇبيېكىتلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇش، «قويىۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ «تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش قىيىن بولۇش»تىن ئىبارەت تىجارەت مۇھىتىدىكى بۇ قىيىن مەسىلىسىنى تېز ھەل قىلىش، كارخانىلارنىڭ ئىچكى كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش ھەققىدە مۇنۇلار قارار قىلىندى. بىرىنچى، تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش. كارخانىلارنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش جەھەتتە ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى ئەنگە ئېلىش، قەرز ئىگىسىنى گېزىتتا ئېلان قىلىش قاتارلىقلار دۆلەتنىڭ كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش سىستېمىسىدا ھەقسىز ئېلان قىلىشقا ئۆزگەرتىلىدۇ؛ تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش ماتېرىياللىرى زور دەرىجىدە ئازايتىلىدۇ؛ پېيى بازارغا سېلىنمىغان پاي چەكلىك شىركەتلىرى ۋە دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپلىرى ئاسان تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش سىناق دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ، ئېلان قىلىش ۋاقتى 45 كۈندىن 20 كۈنىگە قىسقارتىلىدۇ. ئىككىنچى، باج ئىشلىرى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، سودا ئىشلىرى، تاموژنا قاتارلىقلارنىڭ تىزىمىلىكتىن ئۆچۈرۈش رەسمىيەتلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇش. باج ئىشلىرى جەھەتتە تىزىمىلىكتىن ئۆچۈرۈش تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، باجغا ئالاقىدار ئىشلارنى بىجىرىپ باقمىغان ياكى تالون ئالمىغان، باجغا قەرز بولمىغانلار قاتارلىق باج تاپشۇرغۇچىلار باج ھېساۋاتى قىلىش رەسمىيىتىنى بىجىرمەي ئاددىي تىزىمىلىكتىن ئۆچۈرۈشنى بىۋاستە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قەرز بولمىغان كارخانىلار ماس قەدەمدە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىدا تىزىمىلىكتىن ئۆچۈرۈشنى بىجىرسە بولىدۇ. ئۈچىنچى، كارخانىلارنىڭ تىزىمىلىكتىن ئۆچۈرۈش تور مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇش. ئىشەنچتىن قالغان بازار سۇبيېكىتلىرىنى قانۇن بويىچە بىرلىشىپ جازالاپ، قەرزدىن قەستەن قېچىش، قەرزنى قەستەن بېكار قىلىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. بۇ ئسىلاھات تەدبىرلىرىنى قوللانغاندا، كارخانىلارنى تىزىمىلىكتىن ئۆچۈرۈش ۋاقتى زور دەرىجىدە قىسقىرايدۇ، ئاددىي تىزىمىلىكتىن ئۆچۈرۈش ۋاقتىنىڭ يېرىمى قىسقىرايدۇ. يىغىندا باشقا ئىشلارمۇ تەتقىق قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر