باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە پىداكارلىق كۆرسىتەيلى ۋە كۈرەش قىلايلى

2019.01.02 14:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2018-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە پىداكارلىق كۆرسىتەيلى ۋە كۈرەش قىلايلى ماۋزلۇق ئوبزور ئېلان قىلدى.

  ئوبزوردا مۇنداق دېيىلدى: كونا يىلنى ئۇزۇتۇپ يېڭى يىلنى كۈتۈۋالغان مۇشۇ پەيتتە، بىز رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنى بىرلىكتە ئاڭلىدۇق، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرى ئىللىق چۈشىنىشلىك بولۇپ، كىشىلەرنى قاتتىق ھاياجانغا سالدى. رەئىس شى جىنپىڭ تەبرىك سۆزىدىكى كىشىنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان كۈچ يېڭى دەۋىر كۈرەش قىلغۇچىلىرىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.

  ئوبزوردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: خەلق جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ مۇستەھكەم ئاساسى، خەلق بىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىمىزدىكى ئەڭ چوڭ تايانچ. رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە دۆلەت ئۈچۈن تۆھپە قوشقان، ئەڭ سۆيۈملۈك بىر قانچە كىشىنىڭ ئىسمىنى ھەمدە ئۆز خىزمەت ئورنىدا كۈرەش قىلىۋاتقان نامسىز قەھرىمانلار ۋە مىڭلىغان ئون مىڭلىغان ئاددىي ئەمگەكچىلەرنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە كۈرەش مېلودىيەسىنى چېلىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگونىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش سەھپىسىنى ئورۇنلاۋاتقانلىقىنى مېسال قىلىپ ئۆتتى. خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ تەبرىك سۆزىدە كۆرسەتكەندەك: بۇ نەتىجىلەر ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يەڭنى تۈرۈپ ئىشلىشىدىن، يېڭى دەۋر كۈرەش قىلغۇچىلىرىنىڭ قان تەر ئاققۇزۇشىدىن كەلدى.

  ئوبزوردا مۇنۇلار تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر ئەمگەك ئارقىلىق يارىتىلىدۇ. يېڭى دەۋردە جۇڭگو يېڭى مۇساپىنى باشلىدى، ئىسلاھات ئېلىپ بارغان، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋەتكەن جۇڭگو سۈرەتنى تېزلىتىپ كۈچ قۇدرىتىنى بارغانسېرى نامايەن قىلماقتا. غايىگە ئىنتىلىش ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قەدىمىمىزنى ھېچ كىممۇ توسۇپ قالالمايدۇ. بىز بوران چاپقۇندىن قورقماي، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يەڭ تۈرۈپ ئىشلەپ، داۋاملىق پىداكلىق كۆرسىتىپ ۋە كۈرەش قىلىپ، تېخىمۇ گۈزەل كېلەچەكنى كۈتۈۋالايلى!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر