باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان C919 تىپلىق چوڭ ئايرۇپىلانلاردىن 103 يولۇچىلار ئايرۇپىلانى تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچتى

2018.12.29 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ جۇڭگو سودا ئايروپىلانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە: 28- دېكابىر سائەت 12 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان C919 تىپلىق چوڭ ئايرۇپىلانلاردىن 103 يولۇچىلار ئايرۇپىلانى شاڭخەي پۇدۇڭ خەلقئارا ئايرۇدرومىغا قوندى، ئۇ ئايرۇپىلانلارنىڭ تۇنجى قېتىمقى ئۇچۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. بۇ، نۆۋەتتە جەمئىي ئۈچ دانە C919 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ سىناق ئۇچۇش ھالىتىگە كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بۇ قېتىمقى ئۇچۇشتىن كېيىن،C919 تىپلىق 103 ئايروپىلاننى مۇۋاپىق پەيتتە شىئەننىڭ يەنلياڭغا يۆتكەپ، ئۇلارنىڭ سىلكىنىش ئەھۋالى، ھاۋا سۈرئىتىنىڭ توغرىلىنىشى، يۈك كۆتۈرۈشچانلىقى، مەشغۇلاتلارنىڭ تۇراقلىق بولۇشى ۋە ئىقتىدارى قاتارلىق جەھەتلىرى بويىچە سىناق قىلىنىدۇ. نۆۋەتتە،C919 تىپلىق بۇ ئايروپىلانلاردىن ئىككى دانە سىناق ئايروپىلاننىڭ شىئەن يەنلياڭ، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دۇڭيىڭ شەھىرى ۋە جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ نەنچاڭ شەھىرى قاتارلىق جايلاردا ماس قەدەملىك ئۇچۇش سىنىقى ئېلىپ بېرىلماقتا. باشقا يەنە ئۈچ دانە ئايروپىلاندا پىلان بويىچە قىسمەن قۇراشتۇرۇش ۋە ئومۇمىي قۇراشتۇرۇش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلماقتا. دېمەك، 6 دانە سىناق ئايروپىلاننىڭ ھەممىسىگە كېلەر يىلى سىناق قىلىپ ئۇچۇرۇش ۋە ئىسپات ئېلىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر