باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«2019- يىللىق "جۇڭگونىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى" تەشەببۇسنامىسى» بېيجىڭدا ئېلان قىلىندى

2018.12.26 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25- دېكابىر چۈشتىن كېيىن، خەلق تورى باشقۇرغان مۇنبەر، يەنى 2018- يىللىق "جۇڭگونىڭ سۈپەت تەرەققىياتى" يۇقىرى قاتلام باشلىقلىرى مۇنبىرى ۋە 15- نۆۋەتلىك مۇراسىم، يەنى "خەلقنىڭ تاللىشى" ھۈنەر مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى خەلق گېزىتىنىڭ يېڭى ئاخبارات بىناسىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى مۇنبەردە، «خەلقنىڭ تاللىشى، سۈپەت ئارقىلىق دۆلەتنى كۈچلەندۈرۈش» ئاساسىي تېما قىلىنغان بولۇپ، نەق مەيداندا «2019- يىللىق "جۇڭگونىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى" تەشەببۇسنامىسى» ئېلان قىلىندى.

  خەلق تورىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى سۇڭ لىيۈن، جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇشى شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى ئارال تونېل قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش باش نازارەتچىسى ليۇ ياپىڭ، چاڭچېڭ ئاپتوموبىل پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋېي جيەنجۈن، دال EMC شىركىتىنىڭ دۇنيا بويىچە نوپۇزلۇق مۇئاۋىن لىدىرى ساۋ جىپىڭ، پايتەخت ئاپتوموبىل توردا كېلىشىش ماشىنا گۇرۇھىنىڭ CEO سى لى ۋېيدوڭ، جۇخەي گېلى ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ياردەمچى لىدىرى فاڭ شياڭجيەن، جۈنلېباۋ سۈتچىلىك گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى جۇڭ يەن قاتارلىقلار بېيجىڭ ئاپتوموبىل گۇرۇھى، تىنچلىق ئۆمۈر سۇغۇرتىسى چەكلىك شىركىتى، قاتناش بانكىسى، جۈنلېباۋ سۈتچىلىك گۇرۇھى، جىڭدۇڭ ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى، ئەلى بابا دىڭدىڭ، تېڭشۈن مۇزىكا كۆڭۈل ئېچىش گۇرۇھى، VIVO ، يەنجىڭ پىۋىسى، شۈنلېي، لېيشى يورۇتۇش، مىڭلۆ سانلىق مەلۇماتى، مېيكې ئۆي جاھازلىرى ۋە كۇگوۋ مۇزىكىلىرى قاتارلىق كارخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى بىللە بىرلىكتە، «2019- يىللىق "جۇڭگونىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى" تەشەببۇسنامىسى»نى ئېلان قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر