باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى توغرا تونايلى

- - مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا (3)

2018.12.26 14:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھازىرقى دۇنيا يۈز يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلمەكتە، ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەتتە چوڭقۇر ۋە مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا يەنە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلى مەۋجۇتمۇ؟ دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىگە قانداق قاراش كېرەك؟ بۇ بولسا، ئىسلاھاتنىڭ تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىلەردۇر.

  مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلار ئېنىق كۆرسىتىلدى: ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ ھەم ئۇزاققىچە داۋاملىشىدۇ. بىز چوقۇم خەۋپ-خەتەرنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، خەۋپ-خەتەرنى ئامان-ئىسەنلىككە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنىڭ يېڭى مەزمۇنىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېشىل تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، يەر شارى ئىقتىسادىنى تۈزەش سىستېمىسىنىڭ ئىسلاھاتىغا قاتنىشىپ، بېسىمنى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. بۇ، بىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى ۋە نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتتى، ھەمدە بىزنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىشىمىز ئۈچۈن، بىزگە مۇستەھكەم ئىشەنچ ئاتا قىلدى ۋە تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەتكۈزدى.

  بىر دۆلەت ۋە بىر مىللەت ئەگەر تەشەببۇسكارلىقنى، ئۈستۈنلۈكنى ۋە كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرىمىز دەيدىكەن، چوقۇم پۇرسەتنى سەگەكلىك بىلەن بايقاپ ۋەئۇنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا، ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەتتە چوڭقۇر ۋە مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرماقتا، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىش ئاساسىدا چىقارغان مۇھىم يەكۈنىدۇر.

  گەرچە دۇنيانىڭ چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى خەتەر ۋە خىرىسقا تولغان بولسىمۇ، لېكىن، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات يەنىلا ھازىرقى دەۋرنىڭ ئاساسىي تېمىسىدۇر، دۆلىتىمىزنىڭ تۈرلۈك دۇنياۋى قىيىن مەسىلەرنى ھەل قىلىش جەريانىدىكى ئورنى تەڭداشسىزدۇر. ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش تارىخىي ۋەزىيىتىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ، دۆلىتىمىز ئاساسىي پەن-تېخنىكا ساھەلىرى ۋە يۈنىلىشى تارىخىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە، ھەرقايسى ئەللەرنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ بازار قاتارلىق جەھەتلىرىگە بولغان تايىنىشى ئومۇميۈزلۈك ئۆرلىدى. شۇ ۋەجىدىن، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ ھەم ئۇزاققىچە داۋاملىشىدۇ دەيدىغان بۇ ئاساسىي ھۆكۈم توغرا بولۇپ، ۋاقىت ۋە كۈچ ھازىر بىز تەرەپتە تۇرماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر