باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئابىدىسىنى بەرپا قىلايلى

-- باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2018.12.24 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرۇش، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش بولسا، 4- ماي ھەرىكىتىدىن بۇيان، ئېلىمىزدە يۈز بەرگەن ئۈچ چوڭ تارىخىي ۋەقە ھېسابلىنىدۇ، ھەم شۇنداقلا، يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئۈچ چوڭ مۇساپە ئابىدىسى ھېسابلىنىدۇ.

  ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر كۆزىتىش ۋە كەڭ دائىرىلىك نەزەر سېلىشتەك يۈكسەك ئىقتىدار بىلەن، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان تارىخىي ئەھمىيىتى ۋە زور رولىغا يۈكسەك باھا بېرىپ، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى ئاخىرىغىچە ئېلىپ بېرىشتىكى ھەم يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تېخىمۇ يېڭى ۋە تېخىمۇ زور مۆجىزىلىرىنى يارىتىشتىكى ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى تەنتەنىلىك جاكارلاپ، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، يېڭى دەۋردە ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشقا، ھەمدە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى يېڭى ئابىدىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا زور ئىلھام بەردى ۋە رىغبەتلەندۈردى.

  ئەزەلدىن مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر زور ۋەقە سۈپىتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان ھامان، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت تارىخىي بۇرچنى قىلچە ئىككىلەنمەي زىممىسىگە ئېلىپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، 28 يىل ۋاقىت ئىچىدە 1840- يىلىدىن بۇيانقى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئاساسىي تۈزۈمنى ئورنىتىپ، ھازىرقى جۇڭگونىڭ بارلىق تەرەققىياتى ۋە ئالغا ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن تۈپ سىياسىي ئالدىنقى شەرت ۋە تۈزۈم ئاساسىنى يارىتىپ بەردى. پارتىيەمىز سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن خاس ئىجادىي نەزەرىيە نەتىجىلىرى ۋە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى، يېڭى تارىخىي دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى بەرپا قىلىش ئىشىنى قىممەتلىك تەجرىبە، نەزەرىيەۋى تەييارلىق ۋە ماددىي ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. پارتىيە 11- نۆۋەتلىك 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ ئىنقىلاب ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئېچىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن باشلاپ تاكى روناق تېپىپ بېيىشىغىچە بولغان بۇ ئۇلۇغ ھالقىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. 18- قۇرۇلتاي مابەينىدە، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ۋە نەتىجىلىرى ئارقىلىق، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن يەنىمۇ تەرەققى قىلىپ بېيىشى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ يەنە تەرەققى قىلىپ كۈچلىنىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر