- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئەنئەنىۋى ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قاتتىق كونترول قىلىنىپ، يېڭىدىن ياسىلىدىغان ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل تۈرىنىڭ شارائىتى ياخشىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2018.12.19 20:21 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى «ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بەلگىلىمە» دېيىلىدۇ)نى رەسمىي ئېلان قىلدى، 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «بەلگىلىمە»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئەنئەنىۋى يېقىلغۇ ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ يېڭىدىن كۆپىيىشىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، يېڭىدىن ياسىلىدىغان ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل كارخانىلىرى تۈرىنىڭ شارائىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك.
بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان «بەلگىلىمە»دە، يېڭىدىن مۇستەقىل ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل كارخانىسى قۇرۇشنى چەكلەش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھازىرقى ئاپتوموبىل كارخانىلىرى ماي يېقىلغۇ قىلىدىغان ئاپتۇموبىل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىدە، بىرقانچە شەرتنى قاندۇرۇشى كېرەك. يەنى، ئالدىنقى ئىككى يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى ساھە ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولۇش، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل مەھسۇلاتىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى شۇ ساھەنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولۇش، تەتقىقات خىراجىتى چىقىمىنىڭ ئاساسلىق تىجارەت كىرىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %3 تىن يۇقىرى بولۇش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كارخانىلارنىڭ مۇستەقىل توكلۇق ئاپتوموبىلغا يېڭىدىن مەبلەغ سېلىش تۈرى ئۆزى تۇرۇشلۇق ئۆلكىنىڭ ئالدىنقى ئىككى يىللىق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى ئوخشاش مەھسۇلات تۈرى كەسپىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولۇش؛ شۇنىڭدەك ھازىر بار بولغان مۇستەقىل ئوخشاش مەھسۇلات تۈرىدە توكلۇق ئاپتوموبىل ساھەسىگە مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنىڭ ھەممىسى پۈتكەن ھەمدە ھەر يىللىق قۇرۇلۇش كۆلۈمىگە ئىگە بولۇشى لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەنە يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان مۇستەقىل توكلۇق ئاپتوموبىل كارخانىلىرى تۈرىنىڭ قانۇنىي ئىگە، پايچىكلار شەرتى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر