باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەشتىكى باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى

2018.12.19 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى»نى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەشكە قارىتا ئالاقىدار باجدا ئېتىبار سىياسىتى يولغا قويۇلىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەشتىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ بەلگىلىمە بويىچە ئىگە بولغان ئۆي قۇرۇلۇشى ياردەم مەبلىغى، كونىنى بۇزۇپ تېرىلغۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇكاپات مەبلىغى قاتارلىق نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەشكە مۇناسىۋەتلىك پۇل تولۇقلىمىسى ۋە نامراتلارنى كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش تۇرالغۇلىرىغا قارىتا، تاپاۋەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەشتىكى نامرات ئاھالىنىڭ بەلگىلىمە بويىچە ئىگە بولغان ئورۇنلاشتۇرۇش تۇرالغۇ ئۆيلىرىگە قارىتا يەر خېتى بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

  نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش تۈرىنى يولغا قويۇش سۇبيېكتلىرى (تۆۋەندە تۈرنى يولغا قويۇش سۇبيېكتلىرى، دەپ قىسقارتىلىدۇ) ئېرىشكەن ئورۇنلاشتۇرۇش تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان يەرلەردىن يەر خېتى بېجى، ماركا بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. ئورۇنلاشتۇرۇش تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشى ۋە تەقسىم قىلىش جەريانىدا تۈرنى يولغا قويۇش سۇبيېكتلىرى، تۈر ئورۇنلىرى تاپشۇرىدىغان ماركا بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. ئورۇنلاشتۇرۇش تۇرالغۇ ئۆيگە ئىشلىتىلىدىغان يەرلەردىن شەھەر- بازار يېرىنى ئىشلىتىش بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. تاۋار تۇرالغۇ ئۆيلىرى قاتارلىق تەرەققىيات تۈرلىرىدە يۈرۈشلەشتۈرۈپ قۇرۇلغان ئورۇنلاشتۇرۇش تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشىغا قارىتا، ئورۇنلاشتۇرۇش تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇش كۆلىمىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمىدىكى نىسبىتى بويىچە كەچۈرۈم قىلىنىشى كېرەك بولغان ئورۇنلاشتۇرۇش تۇرالغۇ ئۆي يېرىگە مۇناسىۋەتلىك يەر خېتى بېجى، شەھەر-بازار يەرلىرىنى ئىشلىتىش بېجى، شۇنىڭدەك تۈرلەرنى يولغا قويۇش سۇبيېكتلىرى، تۈر ئورۇنلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ماركا بېجى ھېسابلاپ چىقىرىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر