باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇنجى نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى--

ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىىنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ ياخشى بەھرىمەن قىلدۇرۇش كېرەك

2018.12.18 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017- يىلى 5- ئاينىڭ 14- كۈنىدىن 15- كۈنىگىچە، بېيجىڭ بىر مەيدان كاتتا مۇنبەرنى، يەنى تارىخىي خاراكتېرلىك بىر مەيدان كاتتا مەرىكە ــ تۇنجى نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى كۈتۈۋالدى. 29 دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، 140دىن ئارتۇق دۆلەت، 80دىن ئارتۇق خەلقئارا تەشكىلاتتىن كەلگەن 1600دىن ئارتۇق ۋەكىللەر يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندا، جەمئىي بەش چوڭ تۈر بويىچە، ھەمدە 76 چوڭ تارماق تۈر ۋە 270تىن كۆپرەك ئېغىر تۈرلەر بويىچە كېلىشىم ھاسىل قىلىشتەك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  «قورۇقچىلىق ۋە بىر تەرەپلىمىلىك پىكىر ئېقىمى قانچىكى باش كۆتۈرۈپ چىققانسېرى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرگە شۇنچە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش زۆرۈردۇر، ئۇلارنى شۇلارغا ئىشەندۈرۈش لازىمكى، يەر شارىلىشىشنىڭ تەرەققىياتىدا تېخىمۇ ياخشى بىر خىل ئەندىزە مەۋجۇتتۇر، دۇنياۋى ئەركىن سودا ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ھەممە ئادەمگە نەپ يەتكۈزىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى بىزنى دەل مۇشۇنداق بىر سەھنە ۋە پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى.» مۇنبەرگە قاتناشقان ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ بۇ قېتىمقى مۇنبەرنىڭ ئېچىلىشىنى تەشەببۇس قىلىشى ۋە ئۇنى ئاساسلىق تەرەپ بولۇپ ئۇيۇشتۇرۇشى بولسا، «جۇڭگونىڭ دۇنيادا ئۆزگىچە تۈسكە ئىگە بولغان ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك نەزەر ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى، ھەمدە جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن ئىكەنلىكىنى ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىكنىڭ كۈچلۈك تۈۋرۈكى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.

  دۇنيادا مۇقىمسىزلىق ۋە ئېنىقسىزلىق كۆپىيىۋاتقان بۇ خىل ۋەزىيەتتە، جۇڭگو ئىدىيەسى ۋە جۇڭگو لايىھەسى پۈتۈن دۇنيادا ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئىشەنچ ئاتا قىلدى. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى 2013- يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پائال قوللىشىغا ئېرىشتى. تۇنجى نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ كەلگۈسىدىكى ھەمكارلىق يۆنىلىشىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ كونكرېت يول خەرىتىسىنى پىلانلاپ بەردى، ھەمدە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا يولغا قويۇلىدىغان بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈرلەرنى بېكىتىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇش يېڭى دولقۇنىنى قوزغىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر