12- ئاينىڭ 17- كۈنى، يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار شۇ پائالىيەتتە جۇڭگو سودا ئالەم قاتنىشىدىكى يۇقىرى سپېكترلىق سۈنئىي ھەمراھنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى بىرلىكتە ئېلان قىلدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، جۇڭگو سودا ئالەم قاتنىشىدىكى يۇقىرى سىپېكتىرلىق سانلىق مەلۇماتلىرىنى تۇنجى ئېلان قىلىش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. بۇنىڭدا، يۇقىرى سپېكترلىق سۈنئىي ھەمراھنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ كەسىپلەشتۈرۈلۈپ قوللىنىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەمدە دۆلەت ئىچىدىكى سۈنئىي ھەمراھ چوڭ سانلىق مەلۇماتلىرى كەسپىنىڭ ۋە سودا ئالەم قاتنىشى ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى