باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەن 40 يىلدا ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بەش قاتلاندى

2018.12.17 14:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇنىڭدىن 40 يىل ئىلگىرى جۇڭخۇا مىللىتى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ تارىخىي مۇساپىسىنى باشلىدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى خەلقنى باشلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرلەشنىڭ سەلتەنەتلىك داستانىنى يازدى، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان سان-سىفىرلارغا مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، بۇ جۇڭگونى، دۇنيانى ئۆزگەرتتى.

  سىز جۇڭگولۇقلارنىڭ بىر كۈنلۈك ئەمگىكىدە كۈنىگە قانچىلىك قىممەت يارىتالايدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

  ئەگەر ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بىلەن ئۆلچىسەك، 1978-يىلى ئوتتۇرىچە كىشى بېشىغا بىر يۈەن ئىدى، 2017-يىلى 163يۈەنگە ئۆستى، 40 يىل ئىچىدە ئېلىمىز تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئوتتۇرا ياكى ئۇنىڭدىن سەل يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەر قاتارىغا كىردى.

  جۇڭگو خەلقى ئىككى قولىغا تايىنىپ، ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ مۆجىزىسىنى ياراتتى، 40 يىلدا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 360 مىليارد يۈەندىن كۆپرەكتىن بىراقلا ئېشىپ 2017-يىلى 82 تىرىليون يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى، بۇ كۆلەم قانچىلىك؟ ئەگەر بۇنى ئامېرىكا دوللىرىغا ئايلاندۇرۇپ ھېسابلىساق جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇ سان يەنە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەتنىڭ 2.5 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، دۆلىتىمىز يەرشارى ئىقتىسادى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %15نى ئورۇندىدى، بۇنىڭدىن 40 يىل ئىلگىرى جۇڭگونىڭ %2نى ئورۇنداش ئىقتىدارىمۇ يوق ئىدى.

  ئىسلاھات ئېچىۋېتىش جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى، بىز مال باھاسىنىڭ ئۆرلەش ئامىلىدىن كېيىنكى ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىساق، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 40 يىلدا 33.5 ھەسسە ئاشتى، شۇنداق دېيىشكە بولىدىكى ئوتتۇرا ھىساب بىلەن ھەر 8 يىلدا ئاز دېگەندە بىر قاتلاندى.

  ئەگەر ئىقتىسادنىڭ تېخىمۇ تېز ئېشىشى ئالدىنقى يىللاردىكى گەۋدىلىك ئالاھىدىلىك بولدى دېسەك، ئۇنداقتا سۈپەتنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولۇشى يېقىنقى بەش يىلدىكى گەۋدىلىك ئالاھىدىلىك بولدى. ھازىر كەسىپ قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇۋاپىق بولدى، ئېلىمىزدە ئۈچىنچى كەسىپ كۆلىمى يېرىمدىن كۆپرەكنى ئىگەللىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئىقتىسادقا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %60گە يېقىنلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاساسىي كۈچكە ئايلاندى. يېقىنقى بەش يىلدا پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپە قوشۇش نىسبىتى يىلمۇ-يىل ئېشىپ باردى، بۇ يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تېخىمۇ كۆپرەك يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئايلانغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىكولوگىيەلىك مۇھىت تەدرىجىي ياخشىلاندى، بىرلىك ئىچكى ئىشلەپىچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە ۋە سۇ سەرپىيات مىقدارى بۇ بەش يىلدا %20دىن كۆپرەك تۆۋەنلىدى، نۇقتىلىق شەھەرلەردە ئېغىر بۇلغىنىش كۆرۈلگەن كۈن سانىمۇ يېرىم ئازايدى.

  جۇڭگونىڭ ئىقتىدارى ئاشتى، شۇنداقلا دۇنيا ئىقتىسادىدا تېخىمۇ ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالدى، جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى، ئۇدا بەش يىلدا %30 بولۇپ، يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم ماتورىغا ئايلاندى، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر جۇڭگو بىلەن سودا قىلىشنى خالايدىغان بولدى، ئامېرىكا دوللىرى بويىچە ھېسابلىساق جۇڭگونىڭ تاشقى مال سودا سوممىسى 40 يىلدا 200 ھەسسىگە يېقىن ئېشىپ، دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ سودا دۆلىتىگە ئايلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ 2017-يىلىدىكى تۆھپە قوشۇش نىسبىتى ئۈچتىن بىرگە يەتتى، جۇڭگو خەلقىنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى دۇنيانى قايىل قىلدى، بۇ بەش يىلدا دۇنيا ئىستېمالىدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئاشقان ھەر تۆت يۈەننىڭ بىر يۈەنى جۇڭگولۇقلارنىڭ، بۇ دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت جۇڭگونىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئىنقىلابى جۇڭگونى ئۆزگەرتىپلا قالماي، يەنە دۇنياغىمۇ تەسىر كۆرسەتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر