باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز

ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كۈرەش قىلىش ھېكايىسىنى بىرلىكتە ئاڭلايلى!

تەسىرلىك ھېكايىلەرنى قېزىپ، دەۋر ئۆزگىرىشىنى ھېس قىلىش

2018.12.14 16:41    مەنبە: خەلق تورى

 

pre
next

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەپ، يېڭى دەۋردە دۆلىتىمىزدىكى ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن، خەلق تورىنىڭ موڭغۇلچە، زاڭزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، چاۋشيەنچە بەش خىل ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى تور بېكەتلىرى «بەخت كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ __ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىدا ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىمىز» چوڭ تىپتىكى زىيارەت پائالىيىتىنى بىرلىشىپ قانات يايدۇرۇپ، يېزىق ئارقىلىق ھېكايە خاتىرىلەپ، سۈرەت ئارقىلىق ئۆزگىرىشنى كۆرگەزمە قىلىپ، كارتىنا ئارقىلىق تەرەققىياتنى نامايەن قىلدى.مۇخبىرلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىچكى موڭغۇل، جىلىن، شىزاڭ، شىنجاڭ قاتارلىق تۆت ئۆلكە، ئاپتونوم رايونغا بېرىپ، 20گە يېقىن ئاز سانلىق مىللەت زاتلىرىنى سۈرەتكە ئالدى. ئۇلار ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ھېكايە ۋە ئاددىي تىل بىلەن ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتكە بولغان قىزغىن ھېسسىياتى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتقا بولغان گۈزەل ئۈمىدىنى ئىپادىلىدى.

  خەلق تورى ئاز سانلىق مىللەت يېزىق نۇسخىسى مۇخبىرلىرى چاڭبەيشەن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغىچە، ئىچكى موڭغۇل يايلىقىدىن چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىگىچە ئۆزلىرىنىڭ ئىزىنى قالدۇردى. ئەمسە تېز كېلىپ بىزنىڭ قەدىمىمىزگە ئەگىشىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كۈرەش قىلىش ھېكايىسىنى ئاڭلاڭ!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى