باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتتىكى تۇرمۇش ئۆزگىرىشلىرى

− ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىسى تاماشىبىنلار ئارىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى

2018.12.13 15:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرىچە %9.5 ئاشتى» «پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 22.8 ھەسسە ئەمەلىي ئاشتى» «جۇڭگونىڭ توردا پارچە سېتىش بازىرىنىڭ كۆلىمى ئۇدا بەش يىل پۈتۈن يەر شارى بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى»...... دۆلەت مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇلۇغ ئۆزگىرىش − ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىسى»دىكى بىر گۇرۇپپا ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇمات، 40 يىلدىن بۇيان دۆلىتىمىز خەلقىنىڭ تۇرمۇشىدا يۈزبەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرىلەپ ۋە دەلىللەپ، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

  «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن بۇ نەتىجىلەر بەكمۇ قالتىس بولدى» دېدى خېنەن لوياڭدىن كەلگەن لى بوۋاي چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولغان ھالدا، «جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەرتتى، مۇشۇ نەچچە يىلدا تۇرمۇشىمىزنىڭ كۈنسايىن ياخشىلانغانلىقىنى ھېس قىلدۇق، مېنىڭ پېنسىيە پۇلۇممۇ نەچچە يۈز يۈەندىن ھازىر 3000 يۈەنگە ئۆستى، پېنسىيە پۇلى بىلەن داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كېيىنكى ئۆمرۈمدىكى تۇرمۇشۇمنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.»

  40 يىلدىن بۇيان، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى قاينام- تاشقىنلىققا تولدى. پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، ھەربىر شەھەر، ھەربىر يېزا- كەنت، ھەربىر ئائىلىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى.

  «بۇ كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، خۇددى ۋاقىت ئۇچقۇسىغا ئولتۇرغاندەك بولدۇم. بۇ نەچچە يىلدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەقىقەتەن زور بولدى، بۇنىڭدىن بەكمۇ ھاياجانلاندىم!» دېدى بېيجىڭدىكى بىر پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىدىن كەلگەن زېڭ ياڭچىن، ھەر يىلى چاغاندا يۇرتۇم چاڭشاغا قايتسام، يىلدا بىر ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى، بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمەن. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، يۇرتۇمنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتتى.

  1982- يىلى تارتىلغان كىشىلەرنىڭ ئۆچرەتتە تۇرۇپ قىشلىق زاپاس دابەسەي سېتىۋېلىۋاتقان كونا سۈرەت ئالدىدا، بىر- بىرىگە ھەمراھ بولۇپ كۆرگەزمە كۆرۈشكە كەلگەن بىرنەچچە چوڭ ياشلىق ئايال كۆك- تاقتىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا پاراڭلاشتى: «ئۆيگە دابەسەي توشۇش تارىخقا ئايلاندى، ھازىر قىشتا ئۆيگە زاپاس كۆكتات ساقلاپ يۈرمەيدىغان بولدۇق، يېڭى كۆكتاتلارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ.» «توغرا- توغرا، ھازىر توردا زاكاز قىلساقلا، جاھاننىڭ ئۇ چېتىدىكى قوغۇن- تاۋۇز، مېۋە- چېۋە، كۆكتاتلارنى يېيەلەيمىز.»

  40 يىلدا، جۇڭگونىڭ يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 300 مىليون توننىدىن ھالقىپ 600 مىليون توننىغا يەتتى، گۆش، تۇخۇم، سۈت، مېۋە، كۆكتات، چاي ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار كۈنسايىن موللىشىپ، تەمىنلەش قىس بولۇش، تۈرى يەككە بولۇشتىن تۈرى كۆپ بولۇش، تەمىنلەش يېتەرلىك بولۇشقا ئۆزگەردى؛ تاۋار ئوبوروتى رايون، كەسىپ قاتارلىقلارنىڭ چەكلىمىسىنى تەدرىجىي بۇزۇپ تاشلاپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى «چوڭ ئوبوروت»نى ئىشقا ئاشۇردى؛ كۆچمە خەۋەرلىشىش، ئالاقە تورى تېخنىكىسى كۈنسايىن يېڭىلىنىپ، پارچە سېتىشتا يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قەدىمىگە ئەگىشىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، يېمەك- ئىچمەك، كىيىم- كېچەك، تۇرالغۇ، ئىستېمال، قاتناشنىڭ ھەممىسىدە روشەن ئۆزگىرىش بولدى.

  پويىز مودېلىنىڭ ئالدىدا، بېيجىڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان شەرقىي شىماللىق ۋاڭ ئەپەندى ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: «مۇشۇ يىللاردا قاتناش، ئالاقە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆزگىرىش ناھايىتى چوڭ بولدى. يېشىل رەڭلىك پويىزدىن تېز سۈرئەتلىك پويىزغىچە، يۇرتقا قايتىش ۋاقتىمىز زور دەرىجىدە قىسقاردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە توردا بېلەت، تاماق زاكاز قىلىش سەپەر ۋاقتىمىزنى قىسقارتىپ تېخىمۇ قولايلاشتۇردى».

  دۆلىتىمىزدە دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تىرانسپورت سۈرئىتى ئەڭ تېز، پۈتۈنلەي خاس بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريول تورى قۇرۇلدى. تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريولدا قاتناش باشلانغاندىن بۇيان، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ قاتارلىق ئالاھىدە چوڭ شەھەرلەرنى مەركەز قىلغان «يېرىم سائەتتىن تۆت سائەتكىچە» بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك مەركىزىي شەھەر تۆمۈريول چەمبىرىكى شەكىللەندى.

  40 يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق بۈگۈنكى جۇڭگودا قاتناش يوللىرى تەرەپ- تەرەپكە تۇتاشتى، پۇقرالارنىڭ سەپەرگە چىقىشى قولايلاشتى، تېزلەشتى. تۆمۈريولنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 1978- يىلىدىكى 815 مىليون ئادەم قېتىمدىن كۆپىيىپ 2017- يىلىدىكى 3 مىليارد 84 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتتى؛ تاشيول قۇرۇلۇشى ئۇچقاندەك ئالغا ئىلگىرىلەپ، قاتناش مۇساپىسى 1978- يىلىدىكى 890 مىڭ 200 كىلومېتىردىن ئۇزىراپ 2017- يىلىدىكى 4 مىليون 773 مىڭ 500 كىلومېتىرغا يەتتى.

  جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن 40 يىلدا، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى كۈنسايىن يېڭىلاندى. ئۇدا بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تاماشىبىنلارنىڭ چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغان ھالدا قالدۇرغان سۆزلىرىدە كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىكى ھېسسىياتى ئىزھار قىلىندى، بىۋاسىتە ھېسسىياتى ئىپادىلەندى:

  «بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ گۇۋاھچىلىرى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلىرى، مەنپەئەتلەنگۈچىلىرى».

  «بىز دۆلىتىمىز بىلەن بىللە تەرەققىي قىلدۇق، تۇرمۇشىمىزدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى».

  «40 يىل ۋاقىتتا، مەن بىر ئۆسمۈردىن ئۆسۈپ يېتىلىپ ئوتتۇرا ياشلىق ئادەمگە ئايلىنىپ، تۇرمۇشنىڭ ياخشىلانغانلىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ يۈكسەلگەنلىكىنى ھېس قىلدىم. بىزنىڭ كۈنلىرىمىز دەسلەپكى <ئەپلەپ- سەپلەپ ئۆتۈش>تىن ھازىرقى <ئەھمىيەت بېرىش>كە ئۆزگەردى. 40 يىللىق تەرەققىياتنى ھەممىمىز ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق، گۈزەل دەۋرگە رەھمەت»!

  «كەلگۈسىگە نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، بىزنىڭ جۇڭگونىڭ ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىغا، تۇرمۇشىمىزنىڭ بارغانسېرى باياشات بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە ئاساسىمىز بار»

  ......

  «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەن 40 يىل، 200 قالتىس پەيت» ئېلېكتىرونلۇق ئېكران ئالدىدا، نۇرغۇن تاماشىبىن ناھايىتى ئىشتىياق بىلەن ئوخشاش بولمىغان يىللاردىكى قالتىس پەيتلەرنى كۆرگەندىن كېيىن، ئىلگىرىكى بەختلىك ئەسلىمىلىرى ئويغاندى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قەلبى كەلگۈسىگە بولغان گۈزەل ئىستەكلەرگە تولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر