- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئېلىمىزدە ئالدىنقى 11 ئايدا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىشى مۇقىم ئاشتى
2018.12.12 18:03 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئاپتوموبىل سانائىتى جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 11-ئايغىچە ئېلىمىزدە 1 مىليون 53 مىڭ 500 يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ، 1 مىليون 29 مىڭ 800 ئاپتوموبىل سېتىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %63.63 ۋە %68 ئاشقان، ئېلىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشىدا مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتى ساقلانغان.
يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ %70گە يېقىن ئېشىش سۈرئىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئېلىمىزنىڭ ئاپتوموبىل بازىرى ئومۇمەن ئاستىلىغان. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا، ئېلىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان ۋە سېتىلغان ئاپتوموبىل ئايرىم-ئايرىم 25 مىليون 325 مىڭ 200 ۋە 25 مىليون 419 مىڭ 700 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %2.59 ۋە %1.65 ئازايغان. بۇنىڭ ئىچىدە، يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ۋە سېتىلىشى ئايرىم-ئايرىم 21 مىليون 474 مىڭ 100 ۋە 21 مىليون 478 مىڭ 400 بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %3.37 ۋە %2.77 كېمەيگەن. سودا ئاپتوموبىلىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش بىلەن سېتىلىشى 3 مىليون 851 مىڭ ۋە 3 مىليون 941 مىڭ 300 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.97 ۋە %5 كېمەيگەن.
1-ئايدىن 11-ئايغىچە، ئېلىمىزنىڭ ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش مىقدارى ئايرىم-ئايرىم 806 مىڭ 600 ۋە 790 مىڭ 900 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %50.30 ۋە %55.6 ئاشقان؛ چاتقۇچلۇق ئارىلاشما ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش ۋە سېتىلىش مىقدارى ئايرىم-ئايرىم 246 مىڭ 600 ۋە 238 مىڭ 600 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %130.27 ۋە %127.58 ئاشقان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر