- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ۋاڭ يى: جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە چېقىلىدىغان زومىگەر ئىپلاسلارنىڭ ھەرىكىتىگە ھەرگىز قاراپ تۇرمايمىز
2018.12.12 16:06 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2018- يىلى 12- ئاينىڭ 11- كۈنى، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى 2018 ـ يىللىق خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە جۇڭگو دىپلوماتىيەسى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە نۇتۇق سۆزلىدى.
ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز چەتئەلدە تۇرۇۋاتقان ھەر بىر جۇڭگولۇق قېرىنداشلارنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكى، ھەمدە ھالىغا ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ كىلىۋاتىمىز، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ھەققاني ھوقۇق-مەنپەئەتىگە خالىغانچە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق زومىگەر ئىپلاسلارنىڭ ھەرىكىتىگە جۇڭگو تەرەپ ھەرگىز قاراپ تۇرمايدۇ، بەلكى پۈتۈن كۈچى بىلەن جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قوغداپ، پۈتۈن دۇنياغا بىر ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق تۇيغۇسىنى سۇنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر