باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ يى 2018 ـ يىللىق خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە جۇڭگو دىپلوماتىيەسى مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى

2018.12.12 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى 11- دېكابىر جۇڭگو خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات ئورنى ۋە جۇڭگو خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات فوندى جەمئىيىتى بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن 2018 ـ يىللىق خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە جۇڭگو دىپلوماتىيەسى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە نۇتۇق سۆزلىدى.

  ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2018- يىلى، خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىك شۇكى، ئۇ بولسىمۇ جاھاندىكى ئىشلار ئېنىقسىزلىق بىلەن تولغان.بىز ھازىر يۈز يىللاردىن بېرى كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشلەرگە دۇچ كەلمەكتىمىز. جۇڭگو دىپلوماتىيەسى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ۋە شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنىڭ توغرا يېتەكچىلىكىدە، پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈچنى ساقلاپ، تەمكىنلىك بىلەن تـاقابىل تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىلانلاپ، پائال ئىلگىرىلەپ، يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىپ، يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئەگەر بىر قانچە ئاچقۇچلۇق سۆز ئارقىلىق يىغىنچاقلىساق: بۇلار دەل تۆۋەندىكىچە: يەنى، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىق، مۇقىم ئىلگىرىلەش، يېتەكلەش، زىممىسىگە ئېلىش ۋە چىڭ تۇرۇش قاتارلىقلار.

  ۋاڭ يى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىز 2019ـ يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز. شۇڭا، بىز چوقۇم پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، دۇنيا ئەللىرى بىلەن بولغان دوستلۇق ھەمكارلىقىمىزنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، مەزكۇر رايوننىڭ ۋە دۇنيانىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقىنى پائال قوغداپ، يەر شارىنى تۈزەشكە چوڭقۇر قاتنىشىپ ۋە ئۇنى يېتەكلەپ، تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر