باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن جۇڭگو ئىشەنچىسىگە نەزەر

2018.12.12 09:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش 40 يىللىق بوران-چاپقۇننى باشتىن كەچۈردى. تەقدىرگە مۇناسىۋەتلىك تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا بايراقنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، نىشاننى بەلگىلەپ، مۇۋەپپەقىيەت ۋە مەغلۇبىيەتنى بەلگىلەيدىغان تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە رول تۇتۇپ يول باشلىدى. 40 يىلدىن بۇيان پارتىيە خەلقنى باشلاپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى سەھىپە يارىتىپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىدى. 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقى مىسلىسىز كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت داغدام يولدا ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

  قىس بولۇشتىن يېتەرلىك بولۇشقىچە، نامراتلىقتىن ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكىچە، خەلق ئىگىلىكى نابۇت بولۇش گىرداۋىغا بېرىپ قېلىشتىن، دۇنيادىكى 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، 1- چوڭ سانائەت دۆلىتى، 1-چوڭ مال سودىسى دۆلىتى، 1- چوڭ تاشقى پىرىۋوت زاپىسى دۆلىتىگىچە؛دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى سېستىمىسى، ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى ئاساسىي داۋالاش كاپالىتى تورى، ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى كەپىلىك مەھەلىلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى؛ ئەڭ چوڭ تېز سۈرئەتلىك تاشيول تورى، ئەڭ چوڭ رادىئو دۇربۇنى، ئەڭ تېز دەرىجىدىن تاشقىرى كومپىيوتور. بۇ يارقىن نەتىجىلەرگە كۆرەش ئىزى بېسىلغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ كۈندىن كۈنگە يۈكسىلىۋاتقانلىقى نامايەن بولماقتا.

  پەن تېخنىكا مىنىستىرلىقى يادرو يىغىلىشى مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ مىننىڭ بايقىشىچە، ھازىرقى خەلقئارا سۆھبەت ئۈستىلىدە، جۇڭگونى سۆز قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش رەت تەتىۋى بارغانسېرى كەينىگە قويۇلغان. ئۇ مۇنداق دېدى: خەلقئارالىق سۆھبەتتە، ئادەتتە ئورتاق تونۇشنىڭ ھاسىل قىلىنىشىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن مۇھىم ئەزالار كەينىدىرەك سۆز قىلىدۇ، بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز تېز بولغانسېرى، ئىشەنچىمىز ئاشماقتا، قىلغان سۆزىمىزمۇ ئەھمىيەت بېرىشكە ئېرىشمەكتە، تېخىمۇ چاقىرىق كۈچىگە ئىگە بولماقتا.

  يۈز يىللىق چېگرا ئېغىزى مانجۇرىدا، قەھرىتان سوغۇق بۇ جاينىڭ «قىزغىنلىقىنى» ئاجىزلاشتۇرالمىدى. ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىلگىرىكى بىر تال تاماكىنى چېكىپ بولغۇچە ئۇ چېتىگە بېرىپ بولىدىغان جىمجىت چېگرا شەھىرى مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق يولى چېگرا ئېغىزىغا ئايلىنىپ، ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىسادىنى تېخىمۇ جانلاندۇردى. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى %30 تىن ئاشتى. «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرىلىشىگە ئەگىشىپ، «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلەر قوشۇلغان» نىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارىي قىلدۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش تەشەببۇس قىلىندى.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان جۇڭگو، ئىشەنچ ۋە بىمالال قەدەم بىلەن دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە يېقىنلاشماقتا. 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا كارىب دېڭىزى بويىدىكى ئارال دۆلەت گرېنادا جۇڭگونى ئۆزىگە ماس كېلىدىغان دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى يىرىك پىلانى تۈزۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. بۇ جۇڭگوغا ئىشىنىشتىن باشقا، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە جۇڭگو يولىنى ئېتىراپ قىلىش دېمەكتۇر. يىل بېشىدا، ئامېرىكا «دۆلەت مەنپەئەتى» قوش ئايلىق ژۇرنىلى تور بېكىتىنىڭ «جۇڭگوچە تەرەققىيات» دېگەن ماقالىسىدا جۇڭگونىڭ تەرەققىيات قېلىپىنىڭ نۆۋەتتىكى دۇنياغا ئېلىپ كەلگەن تەسىرى تەپسىلىي شەرھىلەندى. دۇنيا ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك جۇڭگوغا كۆز تىكىپ باقمىغان. خۇددى خەلقئارا جامائەتچىلىك باھا بەرگەندەك دۇنيا ئېنىقسىزلىققا تولغان كەلگۈسى ئالدىدا، جۇڭگو ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھىرىلىنىشتەك دۇنيانى تەرتىپكە سېلىش قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىگە ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشەنچ ئاتا قىلدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەدە ئىستىلنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكچىلىك قىلدى؛ ئىستىلنى توغرىلاپ ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، كەسكىن ئىش كۆرۈپ نەچچە 100 مىڭ پارتىيەلىك كادىرنى بىر تەرەپ قىلىپ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈردى؛ بىر يۈرۈش پارتىيە ئىچى قائىدە تۈزۈملىرىنى كەينى كەينىدىن تۈزۈپ چىقىپ، تۈزۈم قەپىسىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتتى. كىشىلەر ئىنقىلاپ بوران چاپقۇنىدا قانلىق جەڭ قىلىۋاتقان پارتىيەنىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئۇلۇغ ئىنقىلاۋىدا يەنىلا جانلىق، ئىگىلمەس سۇنماس جاسارەت، قەتئىي ئىرادە بىلەن پولاتتەك تاۋلانغانلىقىنى كۆردى.

  نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە 128 مىڭ نامرات كەنتتىكى ئاساسىي قاتلام كادىرى، 30 مىليوندىن ئارتۇق نامرات نوپۇس پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ئېغىر دەرىجىدىكى نامراتلىققا جەڭ ئېلان قىلماقتا. يۆنىلىش يولنى بەلگىلەيدۇ، يول تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ. كىشىلەر شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىدىكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا ئۈزلۈكسىز چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئۆتەلمەيدىغان تاغ، يېڭەلمەيدىغان قېيىنچىلىق يوق.

  ئىشەنچىگە تولغان جوڭگو، جۇڭگو ئۆزىگە ئىشىنىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «سانسىزلىغان بوران چاپقۇنلارنى بېسىپ ئۆتكەن دېڭىز يەنىلا ئۆز ئورنىدا. 5000 نەچچە يىللىق جاپالىق قېيىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭگو يەنىلا مۇشۇ يەردە. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن جۇڭگو مەڭگۈ مۇشۇ يەردە» دېگەن سۆزى قۇلاق تۈۋىمىزدە ياڭرىماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر