باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگودا نامراتلىقنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ %3.1كە چۈشتى

2018.12.11 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۇڭفۇ 8- دېكابىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ يېزىلىرىدىكى 700 مىليوندىن ئارتۇق نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، نامراتلىقنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى 1978- يىلىدىكى %97.5تىن تۆۋەنلەپ، 2017- يىلىدىكى %3.1كە چۈشۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تارىخىدا جۇڭگو مۆجىزىسى يارىتىلدى.

  ئۇ 8- دېكابىر ئېچىلغان جۇڭگو نامراتلارنى يۆلەش ئىسلاھاتىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنىدا يۇقىرىقىلارنى بىلدۈردى.

  ليۇ يۇڭفۇ مۇنداق دېدى: ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدا، كەڭ كۆلەمدە ۋە كەڭ دائىرىدە نامرات يېزا ئاھالىلىرىغا قارىتا، دۆلىتىمىز يېزا ئىسلاھاتى ئارقىلىق نامرات ئاھالىلەرنى زور دەرىجىدە ئازايتىشقا تۈرتكە بولدى. جۇڭگونىڭ نامراتلارنى يۆلەپ روناق تاپقۇزۇشتىكى ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش بولسا، نامراتلارنى يۆلەش نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ھېسابلىنىدۇ. 18- قۇرۇلتاي مابەينىدە، ئېلىمىز نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ۋە نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ تەدبىر يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ توغرا تاكتىكىسىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر